فىلىپپىندە تېررورلۇق تەشكلاتى دائېشقا چېتىشلىق ئەبۇ سەيياف تەشكىلاتى ھەرىكەتتە
فىلىپپىننىڭ جەنۇبىدىكى باسۇن رايونىدا بىر ئاپتوموبىل بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئۆزىنى قوشۇپ پارتىلىتىش ھۇجۇمىدا، 10 كىشى ئۆلۈپ، 5 كىشى يارىدار بولدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىلىپپىننىڭ لامىنات شەھىرى شەھەرلىك ھۆكۈمىتى باشلىقى رودىرىك فۇرىگاي بۇلانتىڭ يېزىسىدىكى ھەربىي تەكشۈرۈش پونكىتىدا شوپۇرنىڭ گۇمانلىق ھەرىكىتى تۈپەيلىدىن بىر ئاپتوموبىلنىڭ توختىتىلغانلىقىنى، ئامانلىقنى ساقلاش خادىملىرى شوپۇردىن سوئال سوراش ئۈچۈن يېقىنلاش پەيتتە، تۇيۇقسىز ئاپتوموبىلنىڭ پارتلىغانلىقىنى ئېيتتى.
پارتلاشتا ئادەم بومبىدىن باشقا يەنە 6 ئەسكەر، 3 ئايال ۋە بىر كىچىك بالا بولۇپ، جەمئىي 10 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى، 5 ئەسكەرنىڭ ئېغىر دەرىجىدە يارىدار بولغانلىقى قەيت قىلىندى.
ئادەم بومبا ھۇجۇمى ھەققىدىكى تەكشۈرشلەر داۋاملاشماقتا.
ئالاقىدار مەسئۇللار ھۇجۇمنىڭ تېررورلۇق تەشكلاتى دائېشقا چېتىشلىق ئەبۇ سەيياف تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىماقتا.
مالايشىيا ۋە فىلىپپىن ئوتتۇرىسىدىكى ئاراللاردا 1991 – يىلىدىن بۇيان پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەبۇ سەيياف تەشكىلاتى زورۋانلىق ۋە گۆرۈگە تۇتۇپ كېتىش قاتارلىق ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.
تەشكىلات مىندانو ۋە سۇلۇدا مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، فىلىپپىنىڭ جەنۇبىدا زورۋانلىق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانماقتا.