ياپونىيەدە تەيفېڭ بورىنى ئاپىتى سەۋەبىدىن 24 كىشى يارىدار بولدى

يەرلىك مەنبەرلەرنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيەنىڭ غەربىي قىسمىدا يۈز بەرگەن شىددەتلىك تەيفېڭ (دېڭىز) بورىنى ئاپىتى سەۋەبىدىن ئاز دېگەندىمۇ 24 كىشى يارىدار بولغان.

1021975
ياپونىيەدە تەيفېڭ بورىنى ئاپىتى سەۋەبىدىن 24 كىشى يارىدار بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەرلىك مەنبەرلەر سەئىتىگە 180 كېلومېتېرلىق سۈرئەت بىلەن چىققان تەيفېڭ (دېڭىز) بورىنى توك سىم لىنىيەلىرىنى زىيانغا ئۇچراتقانلىقى تۈپەيلىدىن 150 مىڭ ئۆينىڭ توكسىز قالغانلىقى بىلدۈردى.

تەيفېڭ (دېڭىز) بورىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان مىڭلىغان كىشى بىخەتەر جايلارغا يۆتكىلىشكە مەجبۇر بولدى.

رايوندا تاغ غۇلاپ چۈشۈش، سۇ ئاپىتى ۋە يەر تەۋرەش ئېھتىماللىقىغا قارشى خەلق ۋە ئىدارە - ئورگانلارنىڭ تەييار تۇرۇشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىندى.

تەيفېڭ (دېڭىز) بورىنى ئايروپىلان قاتنىشىغىمۇ تەسىر كۆرسەتتى. 300 دىن ئارتۇق ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلدىن قالدى.

ئىككى ھەپتە ئىلگىرى ياپونىيەنىڭ غەربىدىكى 31 ئۆلكىدە قاتتىق يامغۇر ياغقانلىقى سەۋەبىدىن سۇ ئاپىتى ۋە تاغ غۇلاپ چۈشۈش ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ، 200 دىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر