تۈرمىدىكى پاكىستان سابىق باش مىنىستىرى دوختۇرخانىغا ئاپىرىلدى

پاكىستاندا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان سابىق باش مىنىستىر ناۋاز شەرىف يۈرەك كېسەللىكى سەۋەبىدىن دوختۇرخانىغا ئاپىرىلدى.

1022106
تۈرمىدىكى پاكىستان سابىق باش مىنىستىرى دوختۇرخانىغا ئاپىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سابىق باش مىنىستىر ناۋاز شەرىف ئادىئالا تۈرمىسىدىن تۈنۈگۈن (29-ئىيۇل) كەچتە قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاستىدا پايتەخت ئىسلامئابادتىكى "پاكىستان تىببىي بىلىملەر ئىنىستىتۇتى" (PIMS ) غا ئاپىرىلدى.

پاكىستان تىببىي بىلىملەر ئىنىستىتۇتىنىڭ باياناتچىسى ۋاسىم ھاۋاجا شەرىف سابىق باش مىنىستىرنىڭ دوختۇرخانىدا يۈرەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە داۋالاش ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ۋە ئەھۋالىنىڭ مۇقىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دوختۇرخانا مەسئۇللىرى سالامەتلىك تەكشۈرۈشىدە يۈرەك ھەرىكىتىدىكى ئۆزگىرىشلەر بايقالغان سابىق باش مىنىستىرنىڭ قان شېكەرىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

پاكىستان تىببىي بىلىملەر ئىنىستىتۇتى يۈرەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى نائىم مالىك بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ كېسىلى قوزغالغان، ئەمما تۈرمىدە داۋالانغان سابىق باش مىنىستىرنىڭ قېنىدا ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئۆزگىرىش بولغانلىقى ئۈچۈن، دوختۇرخانىدا داۋالاش ئاستىغا ئېلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

ئىگىلىنىشىچە، ناۋاز شەرىف بۇنىڭدىن بۇرۇن بىر قېتىم يۈرەك ئوپېراتسىيەسى قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ شېكەر ۋە خولېستېرول كېسىلى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

تۆت كىشىلىك تىببىي تەكشۈرۈش خادىمى ئۆتكەن ھەپتە سابىق باش مىنىستىر ناۋاز شەرىفنىڭ بۆرەك ۋە يۈرەك كېسىلىگە سەۋەب بولىدىغان دەرىجىدە سۇسىز قالغانلىقى گۇمانى بىلەن، ئۇ تۇرۇۋاتقان تۈرمىگە ئەۋەتىلگەن ئىدى. تىببىي تەكشۈرۈش خادىملىرى سابىق باش مىنىستىرنىڭ قېنىدا نورمالدىن %50 يۇقىرى شېكەر بارلىقىنى ۋە دوختۇرخانىدا داۋالاش ئاستىغا ئېلىنىشى كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرغان ئىدى. بىراق، ناۋاز شەرىف دوختۇرخانىغا بېرىشنى رەت قىلغان ئىدى.

تۈرمە دائىرىلىرىنىڭ تاراتقۇلارغا بەرگەن ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، قان ئايلىنىشىدا مەسىلە بولغان 68 ياشلىق سابىق باش مىنىستىر ناۋاز شەرىفنىڭ قوللىرىدا ئاغرىق سىزىمىنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن دوختۇرخانىغا داۋالاش ئاستىغا ئېلىش قارارى چىقىرىلغان.

ناۋاز شەرىف داۋالاش ئاستىغا ئېلىنغان پاكىستان تىببىي بىلىملەر ئىنىستىتۇتىنىڭ ئەتراپىدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى كۈچەيتىلدى.

پارىخورلۇق سەۋەبىدىن ئۆتكەن يىلى (2017) ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلانغان ۋە ھەققىدە 10 يىللىق قاماق جازاسىنىڭ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغان ناۋاز شەرىف، 20 كۈندىن بۇيان ئادىئالا تۈرمىسىدە ئىدى.

پاكىستان سوتى ناۋاز شەرىف ۋە ئۈچ ئوغلىنىڭ ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندىكى ئاۋېنفىلد بىناسىدىن ھەشەمەتلىك ئۆيلەرنى سېتىۋالغان پۇلنىڭ كېلىش مەنبەسىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ناۋاز شەرىف بولسا، بۇ سېتىۋېلىنغان ئۆيلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئەمەس، بالىلىرىنىڭ ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر