خېىلسىنكى باشلىقلار ئۇچرىشىشىنىڭ ئەكس سادالىرى

، ترامپ بىلەن پۇتىننىڭ خېلسىنكىدىكى ئۇچرىشىشى ۋە بۇ ئۇچرىشىشنىڭ تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىگە كۆرسەتكۈسى تەسىرى .

1021407
خېىلسىنكى باشلىقلار ئۇچرىشىشىنىڭ ئەكس سادالىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ خېلسىنكىدە ئىشقا ئاشۇرغان ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئۇچرىشىشى ھەم ئىككى دۆلەت جامائەتچىلىكى ھەم خەلقئارا جامائەتچىلىك ئارىسىدا قاتتىق تالاش – تارتىشلارغا سەۋەب بولدى.  بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، بىز بۇ ھەپتىكى پىروگراممىمىزدا، ترامپ بىلەن پۇتىننىڭ خېلسىنكىدىكى ئۇچرىشىشى ۋە بۇ ئۇچرىشىشنىڭ تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىگە كۆرسەتكۈسى تەسىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

2018 – يىلى  16 – ئىيۇل كۈنى دۇنيا جامائەتچىلىكى ھەيران قالارلىق بىر ئۇچرىشىشقا شاھىت بولدى. لىبېرال دۇنيا تۈزۈمىنىڭ ئاساسچىسى ۋە رەھبەر دۆلىتى دەپ ئاتالغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن بۇ تۈزۈمگە ئاخىرقى يىللاردا پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشى چىققان رۇسىيە رەھبىرى پۇتىن فىنلاندىيەنىڭ پايتەختى خېلسىنكىدە  بىر يەرگە جەم بولدى.

ترامپ بىلەن پۇتىننىڭ ئۇچرىشىشى، ترامپنىڭ غەربلىك ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى يىرىكلەشتۈرۈۋېتىدىغان بىرقاتار باياناتلارنى بېرىشى ۋە شۇنداق پوزىتسىيەلەرنى تۇتۇشىدىن كېيىن ئىشقا ئاشتى.

ئوچۇقراق قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئۆزگىرىشلەر غەرب لاگېرىدا جىددىي بۆلۈنۈشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ھەيران قالارلىق بولغىنى شۇكى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئىتتىپاقداشلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپ، ترامپنىڭ كونا رەقىبلىرى بولغان رۇسىيە، خىتاي، شىمالىي كورېيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى.

بۇ ئۆزگىرىشلەر سەۋەبىدىن نۆۋەتتە ياۋروپادا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ رەھبەرلىك تالانتى ۋە رولى مەسىلىسىدە جىددىي تالاش – تارتىشلار ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

خېلسىنكى ئۇچرىشىشىدىن كېيىن، ترامپ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 2016 – يىلقى سايلاملىرىغا رۇسىيەنىڭ مۇداخىلە قىلغانلىقى توغرۇلۇق بايانات ئېلان  قىلدى.

ترامپنىڭ ئامېرىكا ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ دوكلاتلىرىغا ئەمەس، ئەكسىچە پۇتىننىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىغا بەكرەك ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتىشى، ئامېرىكىلىقلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى. ئامېرىكا جامائەتچىلىكىنىڭ كۆپ قىسمى ترامپقا غەزەپ – نەپرەت ياغدۇردى. ترامپ بۇنى كۆرۈپ سۆزلىرىنى تۈزىتىشكە مەجبۇر بولدى. بىراق ترامپنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتلىرى ئامېرىكىلىقلارنى ئىشەندۈرەلمىگەننىڭ سىرتىدا، ترامپقا قارىتا گۇمانىي قاراش ۋە ئەندىشىلەرنى يوق قىلالمىدى.

ئۇچرىشىشنىڭ ئىككى سائەتلىك مەخپىي قىسمىدا ترامپ بىلەن پۇتىننىڭ نېمىلەرنى دېيىشكەنلىكى، قايسى يوسۇندا سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقى ۋە نەتىجىسىنىڭ قانداق بولغانلىقى ئېنىق ئەمەس. پۇتىنمۇ، ترامپمۇ ئۇچرىشىشنىڭ «مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقى» نى ئېيتتى.

ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئىككى رەھبەرنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئېيتقانلىرى، بەزى نۇقتىلاردا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئۈچۈن ھەمكارلىق ئورنىتىش بۇ نۇقتىلاردىن بىرىدۇر. يەنە بىر نۇقتا بولسا، ئىسرائىلىيە – سۈرىيە چېگراسىدا (گولان ئېگىزلىكىدە) بىتەرەپ رايون تەشكىل قىلىنىشى ھەمدە ئىران – ھىزبۇللاھ كۈچلىرىنىڭ بۇ نۇقتىدىن يىراق تۇتۇلۇشىدۇر. دەرۋەقە، پۇتىننىڭ باياناتىدىمۇ، ئىسرائىلىيەنىڭ چېگرا بىخەتەرلىكىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

تۈركىيەگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك تەرىپى بىلەن، شىمالىي سۈرىيەنىڭ سالاھىيىتى، پ ي د/ي پ گ نىڭ كېلەچىكى ۋە چېگرا بىخەتەرلىكى مەسىلىلىرىدە قانداق سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەنلىكى، بۇ ھەقتىمۇ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىنىپ قىلىنالمىغانلىقى توغرۇلۇق رەسمىي بايانات ئېلان قىلىنمىدى.

قارىماققا خېلسىنكى ئۇچرىشىشى تۈركىيەگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئەمەستەك كۆرۈنىدۇ، ئەمما سىياسىي، ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي نەتىجىلىرى نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئۇچرىشىش تۈركىيەگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەسلىدە تۈركىيەگە تەسىر كۆرسىتىدىغىنى، ترامپ بىلەن پۇتىننىڭ سۈرىيە ۋە ئىران مەسىلىسىدە قانداق ھەرىكەت قىلىدىغانلىقى، بۇ ھەقتە بىردەكلىك ھاسىل قىلىپ قىلمىغانلىقى ۋە بىردەكلىك ھاسىل قىلغان بولسا، بۇنىڭ مەزمۇنىدۇر.

ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىككى رەھبەر ئىراننىڭ سۈرىيەدىكى تەسىر كۈچىنى ئازايتىشىنىڭ بەدىلىگە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيەدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشى مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ترامپ بىلەن پۇتىن ئىراننىڭ يادرو پىروگراممىسى مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلالمىغان. چۈنكى، ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرغان.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى 2015 – يىلى ئىمزالانغان كېلىشىم يېتەرسىز دەپ قارايدۇ. رۇسىيەمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرىگە ئوخشاشلا كېلىشىم يېتەرلىك دەپ قارايدۇ. بۇ، «رۇسىيە ئىرانغا مۇداخىلە قىلىنغان تەقدىردە بۇنى ۋېتو قىلىدۇ دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرەمدۇ؟» بۇ ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.

ترامپ بىلەن پۇتىننىڭ ئۇچرىشىشى رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ئاساسلىق رول ئوينىغۇچى كۈچ ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلدى، دېيىش مۇمكىن. بىراق «ئىككى رەھبەر سۈرىيە مەسىلىسى توغرۇلۇق سۆھبەت ئېلىپ بارغان» دېيىشكە تېخى بالدۇرلۇق قىلىدۇ. شۇنى تەكىتلەش ھاجەتكى، پۇتىن ئىسرائىلىيەنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن ئىرانغا چەكلىمە قويۇش توغرۇلۇق ئىشارەتلەرنى بەردى، بىراق بۇ ھەرگىزمۇ «ئىران پۈتۈنلەي سۈرىيەدىن چىقىپ كېتىدۇ» دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرمەيدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىران ئويۇن ساھەسىدە داۋاملىق قېلىش ئۈچۈن موسكۋا بىلەن داۋاملىق دىپلوماتىك سۆھبەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا. خېلسىنكى ئۇچرىشىشى ھارپىسىدا ئەلى ئەكبەر ۋىلايېتىنىڭ پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈشىمۇ دەل بۇ سۆھبەت دائىرىسىدىكى ئۇچرىشىش ئىدى. 

شۇنى تەكىتلەش كېرەككى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن رۇسىيە، سۈرىيەدىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتسە، ئۇنداقتا، سۈرىيەدە ھەر ئىككى تەرەپ بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتالايدىغان بىرلا كۈچ بار، ئۇ بولسىمۇ تۈركىيەدۇر. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئالدىمىزدىكى باسقۇچتا سۈرىيەدە تۈركىيە ئالدىنقى پىلانغا چىقىدىغان كۈنلەر يېتىپ كېلىشى مۇمكىن.

ترامپ ئۆز دۆلىتىدىكى دۆلەت ئورگانلىرىغا قارشى چىقىش بەدىلىگە پۇتىن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بىرقانچە بالداق يۇقىرى كۆتۈردى. ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ترامپ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەنمۇ ئارىغا دۆلەت ئورگانلىرىنى ئارىلاشتۇرماستىن بىۋاسىتە مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايدىكەن. بۇ ئارقىلىق ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى قايتىدىن شەكىللەندۈرۈپ، تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدا يېڭى بىر سەھىپە ئېچىشنى ئارزۇ قىلىدىكەن.

ترامپ ھۆكۈمىتىگە يېقىن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ترامپ نېمە قىلىشىنى بىلىدىغان، ئەقىل – پاراسەتلىك، زۆرۈر تېپىلغاندا ئۆز دۆلىتى ھەم خەلقى ئۈچۈن جېنىدىنمۇ ۋاز كېچەلەيدىغان دۆلەت ئەربابلىرىنى ياخشى كۆرىدىكەن. شۇ ۋەجىدىن، ترامپ پىرېزىدېنت پۇتىنغا ئوخشاشلا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەنمۇ بىۋاسىتە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايمەن، دەپ ئويلايدىكەن.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا، «ترامپ پۇتىنغا ئوخشاشلا جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەنمۇ بىۋاسىتە مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تەييارلىنىۋاتىدۇ» تەرىقىسىدە ئانالىز قىلىندى.

بەلكى ترامپ، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ بارلىق توسالغۇلىرىغا قارىماي پۇتىن بىلەن بىۋاسىتە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش نىشانىمغا يەتتىم، ئەردوغان بىلەنمۇ بىۋاسىتە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشۈمگە نېمىشقا بولمىغۇدەك؟» دەپ ئويلىشى مۇمكىن. بىراق، پۇتىن بىلەن بىۋاسىتە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش مەسىلىسىدە دۆلەت ئورگانلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويالىغان ترامپ، ئەردوغان بىلەنمۇ بىۋاسىتە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش مەسىلىسىدىمۇ شۇنداق قىلسا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى بەزى كۈچلەرنىڭ جىددىي قارشىلىق كۆرسىتىشىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر