ئىران ئامېرىكىغا تەھدىت سالدى

ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ئارمىيەسىنىڭ قوماندانلىرىدىن قاسىم سۇلايمانى ئامېرىكىغا تەھدىت سالدى.

1019995
ئىران ئامېرىكىغا تەھدىت سالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ئارمىيەسىنىڭ قوماندانلىرىدىن قاسىم سۇلايمانى قىزىل دېڭىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكغا نىسبەتەن بىخەتەرلىك جاي بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىراننىڭ ھەمەدان شەھىرىدە چاقىرىلغان يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان قوماندان قاسىم سۇلايمانى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ ئىرانغا تەھدىت سېلىپ بەرگەن باياناتلىرىغا جاۋاب قايتۇردى.

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانىنىڭ ترامپنىڭ تەھدىتىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىگە يۇقىرى باھا بەرگەن قاسىمى سۇلايمانى: قىزىل دېڭىز بۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكىلىقلارغا نىسبەتەن بىخەتەر جاي بولمايدۇ، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ رەقىبى قۇددۇس ئارمىيەسىدۇر، دېدى.  

قاسىمى سۇلايمانى ئىراندا ئەرەبچە تارقىتىش بېرىدىغان تېلېۋىزىيە قانىلى ئەل-ئالەمنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «ترامپقا سەلەپىلەرنىڭ تەجرىبىلىرىدىن ساۋاق ئېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن»دېگەن ئىبارىنى ئىشلەتتى.

سەئۇدى ئەرەبىستانغا تەۋە ئىككى نېفىت پاراخوتى تۈنۈگۈن قىزىل دېڭىزدا يەمەندىكى شىئە ھۇسىي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

ھۇجۇمدا پاراخوتلاردىن بىرىسى زىيانغا ئۇچرىدى، رىياد ھاكىمىيىتى بابۇل مەندەب بوزغۇزىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خام نېفىت تىرانسپورتىنىڭ ۋاقىتلىق توختىتىپ قويۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى 22-ئىيۇندا ئىرانغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى «يولۋاسنىڭ قۇيرۇقىغا باسماڭلار»دەپ ئاگاھلاندۇرغانىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ رۇھانىغا تۋىتتېر ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇپ مۇنداق ئۇچۇر يازدى: «ئىككىنچى ئامېرىكىغا تەھدىت سالمىغىن، بولمىسا تارىختا ناھايىتى ئاز كىشى دۇچ كەلگەن ئېغىر ئاقىۋەتكە دۇچار بولىسەن.»

ئىران بىلەن تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمىدىن بۇ يىل 8-مايدا چېكىنىپ چىققان دونالد ترامپ ھۆكۈمىتى، بۇ يىل نويابىردىن باشلاپ ئىران نېفىتىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە تەييارلانماقتا.

تېھران ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكا ھاكىمىيىتى ئىران نېفىتىنىڭ ئېكسپورت قىلىنىشىغا توسالغۇ بولغان تەقدىردە، بەسرە بىلەن ئۇممان قولتۇقلىرى ئارىسىغا جايلاشقان ۋە دۇنيا نېفىت سودىسىغا نىسبەتەن مۇھىم ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ھۈرمۈز بوزغۇزىنى تاقىۋېتىدىغانلىقلىرىنى جاكارلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر