بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ماسلاشتۇرغۇچىسى غەززەدە

ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئوتتۇرا شەرق ئىشلىرى ئالاھىدە ماسلاشتۇرغۇچىسى نىكولاي ملادېنوۋ غەززەگە كەتتى.

1020100
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ماسلاشتۇرغۇچىسى غەززەدە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەدىكى چېگرا ئېغىزلىرى ئورگىنى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىشخانىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئوتتۇرا شەرق ئىشلىرى ئالاھىدە ماسلاشتۇرغۇچىسى نىكولاي ملادېنوۋ  بەيت خانۇن چېگرا ئېغىزىدىن ئۆتۈپ، غەززەگە يېتىپ كەلدى.»

ملادېنوۋ ئالدىنقى كۈنىمۇ بىرقانچە سائەتلىك زىيارىتى دائىرىسىدە بەيت خانۇن چېگرا ئېغىزىدىن ئۆتۈپ رايونغا بارغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر