قاتار ئەلئۇدەيدە ھاۋا ئارمىيەسى بازىسىنى كېڭەيتىدۇ

قاتار ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پارىس قولتۇقىدىكى ئەڭ مۇھىم ھەربىي بازىلىرىدىن بىرى بولغان ئەلئۇدەيدە ھاۋا ئارمىيەسى بازىسىنى كېەيتىش لايىھەسىنى ئىشقا كىرىشتۈردى.

1019310
قاتار ئەلئۇدەيدە ھاۋا ئارمىيەسى بازىسىنى كېڭەيتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى  (QNA) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قاتار دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خالىد بىن مۇھەممەد ئەلئەتىييە  ھاۋا ئارمىيەسى بازىسىنى كېڭەيتىش لايىھەسىنى مۇراسىم ئارقىلىق ئىشقا كىرىشتۈرگەن. مۇراسىمغا ئەلئەتىييەدىن سىرت يەنە، ئۇدەيدە ھاۋا ئارمىيەسى بازىسىدىكى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى قىسىملىرىنىڭ قوماندانى گېنېرال جەيسون ر ئارماگوست بىلەن ئامېرىكىلىق ۋە قاتارلىق ئەسكەرلەر قاتناشقان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، دوھا ھۆكۈمىتىنىڭ ۋاشىنگتون بىلەن ئىستىراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلىدىغان لايىھەسىدىن، بازا، خىزمەت بىنالىرى ۋە ئەسكەرلەرنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش  مەقسەت قىلىنىدىكەن.

قاتار بىلەن كۈچلۈك ھەربىي مۇناسىۋەت ئورناتقان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پايتەخت دوھانىڭ 30 كىلومېتىر غەربىي جەنۇبىدىكى ئەلئۇدەيدە ھاۋا ئارمىيەسى بازىسىدا كۆپىنچىسى ھاۋا ئارمىيەسىگە مەنسۇپ 10 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر بار ئىكەن. بۇ بازا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پارىس قولتۇقىدىكى ئەڭ مۇھىم ھەربىي بازىلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىكەن. بازىدا ئامېرىكا ئەسكەرلىرىدىن سىرت يەنە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرىمۇ بار ئىكەن.

قاتار ئەلئۇدەيدە بازىسىنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ دائىمىي بازىلىرىدىن بىرىگە ئايلاندۇرۇشنى پىلانلىماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر