پاكىستاندىكى سايلام قانلىق ئۆتتى

پاكىستاندا سايلام ئۆتكۈزۈلىۋاتقاندا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى.

1019021
پاكىستاندىكى سايلام قانلىق ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستاندا سايلام ئۆتكۈزۈلىۋاتقاندا مىللىي مۇسۇلمانلار ئۇيۇشمىسى پارلامېنت ئەزاسى نامزاتى فايسال سايلام ئىشخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا يارىلاندى.

ساقچى ئەمەلدارى ئادىل چاندىيو كىملىكى نامەلۇم شەخس ۋە ياكى شەخسلەرنىڭ پاكىستاننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان لاتىفئاباد رايونىدا بېلەت تاشلاشقا ئاز قالغاندا، پارلامېنت ئەزاسى نامزاتى نەدىمنىڭ ئىشخانىسىغا قول بومبىسى ئاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ھۇجۇمدا يارىلانغان نەدىم بىلەن شوپۇرى دوختۇرخانىغا ياتقۇزۇلدى، لېكىن بۇ ئىككى كىشىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلمىدى.

ساقچىلار زوراۋانلارنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى.  

بۇنىڭدىن سىرت، پاكسىتاننىڭ غەربىگە جايلاشقان كەتتا رايونىدا بېلەت تاشلاش ئۈچۈن نۆۋەت ساقلاۋاتقان سايلىغۇچىلار ئادەم بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ 25 ئادەم ئۆلدى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بىر ئادەم بومبا بېلەت تاشلاش ئۈچۈن نۆۋەت ساقلاۋاتقان سايلىغۇچىلارنىڭ ئارىسىغا شۇڭغۇپ كىرىپ بەدىنىگە تېڭىۋالغان بومبىنى پارتلاتقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر