خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلىدى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، ئىسرائىلىيە پارلامېنتىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكەن «يەھۇدىي مىللىي دۆلەت قانۇنى» نىڭ «يەھۇدىي ئەمەسلەرگە قارشى (داۋاملىشىپ كەلگەن) 70 يىللىق تەڭسىزلىك ۋە چەتكە قېقىشنى كۈچەيتكەنلىكى ۋە ئېغىرلاشتۇرغانلىقى» نى بىلدۈردى.

1018928
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەركىزى لوندونغا جايلاشقان خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ «ئىسرائىلىيە قانۇننى ماقۇللاش بىلەن، يەھۇدىي ئەمەسلەرگە قارشى (داۋاملىشىپ كەلگەن) 70 يىللىق تەڭسىزلىك بىلەن چەتكە قېقىشنى كۈچەيتتى ۋە ئېغىرلاشتۇردى» دېيىلگەن باياناتىدا، (ئىسرائىلىيە نوپۇسىنىڭ %20 ىنى تەشكل قىلىدىغان) پەلەستىنلىكلەر ئەمدى رەسمىي يۇسۇندا ئىككىنچى دەرىجىلىك پۇقرالاردۇر. ئىسرائىلىيە كىشىلىك ھوقۇقنى بارلىق كىشىلەر ئۈچۈن مۇھاپىزەت قىلىشى لازىم» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا، «قانۇننىڭ تولۇق دائىرىسىنى ۋە بۇلارنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق نۇقتىسىدىن كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرىنى مۇھاكىمە قىلىۋاتىمىز» دېيىلدى.

ئۆتكەن ھەپتە ئىسرائىلىيە پارلامېنتىدا ناھايىتى ئاز بېلەت پەرقى بىلەن قوبۇل قىلىنغان قانۇن، ئىككى تۈرلۈك پۇقرالىق مودېلى تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى مەزمۇن قىلىدۇ. بۇ قانۇننىڭ روھىغا ئاساسەن، 8 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە دۆلەتنىڭ %20 دىن كۆپرەكىنى شەكىللەندۈرىدىغان ئەرەبلەرنىڭ ئىككىنچى دەرىجىلىك پۇقرالار ئورنىغا چۈشۈپ قالىدىغانلىقى ئەسكەرتىلمەكتە.

نۆۋەتتە يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن چەتكە قاققۇچى سىياسەتلەرنى رەسمىيلەشتۈرۈش بىلەن ئەيىبلەنگەن مەزكۇر قانۇنغا ئاساسەن ئەرەبچە رەسمىي تىل بولۇشتىن چىقتى ۋە دۆلەتنىڭ بىردىنبىر رەسمىي تىلى ئىبرانىچە بولدى. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، قانۇننىڭ ئەڭ كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىغان ماددىلىرى ئارىسىدا «دۆلەتتە ئۆز تەقدىرىنى بەلگىلەش ھوقۇقى پەقەت يەھۇدىيلارغا ئائىتتۇر، ئىسرائىلىيە، دۇنيادىكى بارلىق يەھۇدىيلارنىڭ تارىخىي ئانا ۋەتىنىدۇر، دۇنيادىكى بارلىق يەھۇدىيلارنىڭ ئىسرائىلىيەگە قايتىش ھەققى باردۇر، يەھۇدىيلارنىڭ دىنىي كۈنلىرى رەسمىي تەتىل ھېسابلىنىدۇ ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى قۇدۇستۇر» دېگەندەك ھۆكۈملەرمۇ بار.

قانۇندا «ئىسرائىلىيە، دۇنيادىكى بارلىق يەھۇدىيلارنىڭ تارىخىي ئانا ۋەتىنىدۇر» دېيىش ئارقىلىق پەلەستىنلىكلەرنىڭ بۇ زېمىنلاردىكى تارىخىي مەۋجۇدىيىتى ۋە ھەقلىرىنىڭ نەزەردىن ساقىت قىلىنغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

ئىسرائىلىيە، بىر تەرەپتىن دۇنيانىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىدا ياشاۋاتقان يەھۇدىيلارنىڭ ئىسرائىلىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىشقا چاقىرسا، يەنە بىر تەرەپتىن، 1948 – يىلى ۋەتەنلىرىدىن سۈرگۈن قىلىنغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ قايتىش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلماقتا.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر