گىرېتسىيەدە ناھايىتى شىددەتلىك دالا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ ئونلارچە ئادەم قازا قىلدى

گىرېتسىيەنىڭ پايتەختى ئافېناغا يېقىن بىر دالىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىنىڭ ئاھالىلەر رايونىغا كېڭىيىپ كېتىشى نەتىجىسىدە 60 تىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1018393
گىرېتسىيەدە ناھايىتى شىددەتلىك دالا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ ئونلارچە ئادەم قازا قىلدى
yunanistan yangin2.jpg
yunanistan yangin1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيە ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى باياناتچىسى ستاۋرولا ماللىرى، ئافېنانىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان رافىنا رايونىدىكى دالىدا باشلانغان ئوت ئاپىتىنىڭ ئاھالىلەر رايونىغا كېڭىيىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

جېنىدىن ئايرىلغان 60 تىن ئارتۇق ئادەمنىڭ بەزىسى ئۆيلىرى ياكى ئاپتوموبىللىرىدا قاپسىلىپ قېلىپ، يەنە بەزىسى ئوت ئاپىتىدىن قېچىپ كىرىۋالغان دېڭىزدا سۇغا غەرق بولۇپ بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشتى.

ئوت ئاپىتىدە 16 نەپىرى كىچىك بالا بولۇپ جەمئىي 172 ئادەم يارىلاندى. يارىلانغۇچىلاردىن 11 ىنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

يوقاپ كەتكەنلىكى مەلۇم قىلىنغان كۆپ ساندا كىشىنىڭ ھازىرغىچە ئىزدېرىكى قىلىنالمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆلگەنلەر سانىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا.

يۈزلەرچە ئۆي – ماكان ۋە ئاپتوموبىلنى كۈلگە ئايلاندۇرۇۋەتكەن ئوت ئاپىتى تۈپەيلى مىڭلارچە كىشى بىخەتەر جايلارغا تارقاقلاشتۇرۇلدى.

ئوت ئاپىتىدىن قېچىپ رافىنا پورتىغا يېتىپ بارغان يۈزلەرچە كىشى دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئە ئەترىتى كېمىلىرى ۋە خۇسۇسىي كېمىلەر بىلەن رايوندىن يىراقلاشتۇرۇلدى.

تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئافېناغا 20 كىلومېتىرچە يىراق يەردىكى بىر دەرەخزارلىقتا باشلانغان ئوت ئاپىتى، شىددەتلىك شۇنداقلا ئىزچىل تۈردە يۆنىلىش ئۆزگەرتىپ تۇرۇۋاتقان شامال سەۋەبىدىن سۈرئەت بىلەن ئۇلغىيىپ ناھايىتى كەڭ رايوننى تەسىرى ئاستىغا ئېلىۋالدى. رافىنا رايونىدىكى ئوت ئاپىتىگە 200 ئەتراپىدا ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى، كۆپ ساندا پىدائى ۋە يۈزگە يېقىن ئاپتوموبىل بىلەن قۇرۇقلۇقتىن، ئايروپىلان ۋە تىك ئۇچار ئايروپىلانلار ھاۋادىن مۇداخىلە قىلدى.

گىرېتسىيە ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باياناتىدا، پايتەختنىڭ 50 كىلومېتىر غەربىگە جايلاشقان كىنېتا رايونىدا يۈز بەرگەن يەنە بىر ئوت ئاپىتىنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈنمۇ 150 ئوت ئۆچۈرگۈچى بىلەن 74 ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلىنىڭ كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى. بۇ رايوندا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى ھاسىل قىلغان ئىس – تۈتەك ئافېنا ئاسمىنىنى قاپلىۋالدى، شەھەرنى مورا يېرىم ئارىلىغا تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان تاش يولدا ئۇدا بىر قانچە سائەت قاتناش توختاپ كەتتى.

گىرېتسىيە پارلامېنتى باشلىقى نىكوس ۋوئۇتسىسنىڭ قارارىغا ئاساسەن، ئوت ئاپىتى تۈپەيلى پارلامېنتتا بايراقلار يېرىم چۈشۈرۈلدى. دۆلەت مىقياسىدا ئۈچ كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلىندى.

ئوت ئاپىتى كەڭ رايونغا كېڭىيىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى خادىملىرىدىن باشقا ھەربىي قىسىملارمۇ سەپەرۋەر قىلىندى ۋە ياۋروپا پۇقرالار مۇداپىئە ئورگىنىدىن ياردەم تەلەپ قىلىندى.

ئىسپانىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ ساندا ياۋروپا دۆلىتى ئوت ئۆچۈرۈش ئايروپىلانى ۋە ئەسلىھەلىرىنى رايونغا ئەۋەتتى.

پايتەخت ئافېنانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاتتىكى رايونىدا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان باش مىنىستىر چىپراس زىيارىتىنى يېرىم يولدا توختىتىپ دەرھال پايتەخت ئافېناغا قايتتى.

چىپراس، جىددىي ئەھۋال يىغىنىدا ئالاقىدار مىنىستىرلار، بىيۇروكلاتلار ۋە ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى خادىملىرىدىن ئەھۋال ئىگىلىگەندىن كېيىن قىسقىغىچە بايانات بېرىپ، ئوت ئاپىتىگە مۇداخىلە قىلىش ئۈچۈن پۈتكۈل جىددىي ياردەم خادىملىرىنىڭ  يولغا سېلىنغانلىقىنى ئېيتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ «ئاتتىكىنىڭ ھەم شەرقىدە ھەم غەربىدە بىرلا ۋاقىتتا يۈز بەرگەن ئوت ئاپەتلىرى گۇمان قوزغايدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ھۆكۈمەت باياناتچىسى دىمىترىس كاناكوپۇلوس بولسا، رايوندىكى 15 ئورۇندا بىرلا ۋاقىتتا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكىنى، شىددەتلىك شامالنىڭ ئوت ئاپىتىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كونترول قىلغىلى بولمايدىغان ھالەتكە كەلتۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر