ئىراقتا پارتلاش يۈز بەردى
ئىراقنىڭ جەنۇبىدىكى كەربەلا شەھىرىدە ھەشدى شەئبىگە ئائىت بىر ئوق - دورا ئىسكىلاتىدا مەيدانغا كەلگەن پارتلاشتا 15 كىشى يارىلاندى.
1016754
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق ئارمىيەسىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان يۈز بېشى ئەلا ناسىرنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا ئەسكەرتىشىچە، كەربەلا شەھىرىدىدىكى ھەشدى شەئبىگە قاراشلىق ئەلى ئەكبەر ئەترەتلىرىگە ئائىت بىر ئوق - دورا ئىسكىلاتىدا پارتلاش مەيدانغا كەلگەن، ئوق - دورا ئىسكىلاتى پۇقرالارغا ئائىت ئولتۇراق رايونىغا يېقىن بولغانلىقى ئۈچۈن پارتلاشتا 15 پۇقرا يارىلانغان. پارتلاشتىن كېيىن تەكشۈرۈش باشلانغان، رايونغا كىرىپ – چىقىشلار چەكلەنگەن ۋە پۇقرالارنىڭ ئۆيدىن سىرتقا چىقماسلىقى توغرۇلۇق ئۇقتۇرۇش تارقىتىلغان.