ئابباس: ئامېرىكىنىڭ پوزىتسىيەسى ئۆزگەرمەي تۇرۇپ مۇناسىۋەتلىرىمىز ياخشىلانمايدۇ

پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس، قۇددۇس ۋە مۇساپىرلار مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتمىگەن تەقدىردە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ ياخشىلانمايدىغانلىقىنى رۇسىيە دائىرىلىرىگە مەلۇم قىلدى.

1015490
ئابباس: ئامېرىكىنىڭ پوزىتسىيەسى ئۆزگەرمەي تۇرۇپ مۇناسىۋەتلىرىمىز ياخشىلانمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فەتىھ مەركىزىي كومىتېتى باش كاتىپى جىبرىئىل رۇجۇب پەلەستىن دۆلەت تېلېۋىزىيەسىدە سۆز قىلىپ، ئابباسنىڭ شەنبە كۈنىدىكى رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدا، قۇددۇس، مۇساپىرلار ۋە ئاھالىلەر رايونى تەسىس قىلىش مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەدىن ۋاز كەچمىگەن تەقدىردە، ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ ياخشىلانمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئېيتتى.

رۇجۇب، ئابباسنىڭ ئۇچرىشىشتا، خەلقئارا قانۇنغا بولغان ساداقىتىنى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان تىنچلىق مۇساپىسىنىڭ ھامىيلىقىنى مونوپۇل قىلىۋېلىشىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە، مىسىرنىڭ پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆزئارا يارىشىش ھاسىل قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا ئىشلەۋاتقان خىزمەتلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەززەدە باشقۇرۇش ھوقۇقىنى تولۇق ئۆتكۈزۈۋېلىشىنىڭ قىيىن ئىكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

پەلەستىن زېمىنلىرىدا ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى – ھاماس غەززەدە ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن 2007 – يىلىدىن بۇيان سىياسىي پارچىلىنىش مەۋجۇت. فەتىھ بىلەن ھاماس ھەيئەتلىرى ئاخىرقى قېتىم مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەدە داۋاملىشىۋاتقان سۆھبەتلەر دائىرىسىدە، 2017 – يىلى 12 – ئۆكتەبىردە پەلەستىندىكى پارچىلىنىشقا خاتىمە بېرىشنى مەزمۇن قىلغان «يارىشىش كېلىشىمى» نى ئىمزالىغانىدى.

كېلىشىمنىڭ روھىغا ئاساسەن، پەلەستىن يارىشىش ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا غەززەنىڭ كونتروللۇقى پۈتۈنلەي ئۆتكۈزۈۋېلىشى كېرەك ئىدى، بىراق كۆرۈلگەن چۈشىنىشمەسلىكلەر تۈپەيلى بۇ ئىش تولۇق مەنىدە روياپقا چىقىرىلالمىدى.

ئاخىرىدا ئالدىنقى كۈنى ھاماسنىڭ، مىسىرنىڭ «كېچىككەندىمۇ 5 ھەپتە ئىچىدە مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلۇشى» نى مەزمۇن قىلغان يارىشىش تەۋسىيەسىنى قوبۇل قىلغانلىقى ئېلان قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر