ياپونىيەدە دۆلەت ئورگانلىرىدا تاما چېكىش مەنئى قىلىنىدىغان بولدى
ياپونىيەدە دۆلەت ئورگانلىرىدا تاما چېكىشنى چەكلەش قانۇن تەكلىپى تەستىقتىن ئۆتتى.
1014896
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيەدە تۇنجى قېتىم قوبۇل قىلىنغان قانۇن تەكلىپىگە بىنائەن مەكتەپ، دوختۇرخانا ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدا تاماكا چېكىش پۈتۈنلەي مەنئى قىلىنىدۇ.
دۆلەت ئىدارە - ئورگانلىرىدا تەخمىنەن 100 كىۋادىرات مېتىر مەيدان بولغان تەقدىردە، شۇ يەردە تاماكا چېكىشكە بولىدۇ.
بۇ قانۇن تەكلىپى ئارقىلىق 2020 – يىلى توكيودا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك مۇسابىقىلىرى جەريانىدا تاماكا چېكىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش نىشان قىلىنماقتا.
قانۇن 2020 – يىلىغا قەدەر باسقۇچمۇ باسقۇچ ئىجرا قىلىنىدۇ.
ياپونىيە تەخمىنەن 127 مىليون نوپۇسقا ئىگە بولۇپ، جەمئىي 20 مىليون كىشىنىڭ تاماكا چېكىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.