دونالد ترامپ ناتونىڭ يوقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى ھەققىدە مېديانى ئەيىبلدى

دونالد ترامپ مېدىيانىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمىنىڭ ئەھۋاللارنى خاتا يەتكۈزگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

1013202
دونالد ترامپ ناتونىڭ يوقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى ھەققىدە مېديانى ئەيىبلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تۋىتتېر ھېسابىدا تارتقاتقان ئۇچۇرى ئارقىلىق 11ئىيۇلدا بېلگىيە  پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يېغىنى ئۈستىدە توختالدى ۋە مېديانى ئەھۋاللارنى خاتا ئىپادىلەش بىلەن ئەيىبلىدى. 

ترامپ ئۇچۇرىدا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ ئىنتايىن ئۇتۇقلۇق ئۆتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

دونالد ترامپ مېديانىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمىنىڭ ئەھۋاللارنى خاتا يەتكۈزگەنلىكىنى ۋە يېغىندىن كېيىن نۇرغۇنلىغان دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئۆزىگە تېلېفون قىلىپ رەھمەت ئېيتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇشىغا ۋە ئىقتىسادىي مەسئۇلىيەتلىرىگە كۆڭۈل بولۇشىگە ياردەمچى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىگە رەھمەت ئېيتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر