پۇتىن ۋەلايەتىنى قوبۇل قىلدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، ئىران لىدېرى ئايەتۇللاھ ئەلى خامەنېينىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مەسلىھەتچىسى ئەلى ئەكبەر ۋەلايەتى بىلەن كۆرۈشتى.

1011145
پۇتىن ۋەلايەتىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ نوۋو – ئوگارېۋو پىرېزىدېنتلىق تورالغۇسىدا ۋەلايەتىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى، ئۇچرىشىشقا رۇسىيە تەرەپتىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ۋە كرېمىل تاشقى سىياسەت مەسلىھەتچىسى يۇرىي ئۇشاكوۋنىڭ؛ ئىران تەرەپتىن خامەنېينىڭ مەسلىھەتچىلىرىدىن ئەلى ئاسگار فاتھى ساربانگولى ۋە ئىراننىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مەھدى سانائىنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇ تۈنۈگۈن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن موسكۋادا كۆرۈشكەندە، سۈرىيەدىكى ئىران كۈچلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى توغرىسىدا سۆزلەشكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر