ياپونىيەدە سۇ ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 176 گە يەتتى

ياپونىيەدە يۈز بەرگەن سۇ ۋە  يەر كۆچۈش ئاپەتلىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 176 گە يەتتى.

1010423
ياپونىيەدە سۇ ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 176 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن ھەپتىدىن بۇيان دۆلەتنىڭ غەربىگە تەسىر كۆرسەتكەن قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان سۇ ۋە يەر كۆچۈش ئاپەتلىرىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 176 گە يەتكەن، ئونلارچە كىشى ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېمۇ ئاپەت رايونىدىكى كۇراشىكى شەھىرىدىكى پۇقرالارنى تارقاقلاشتۇرۇش مەركىزىنى زىيارەت قىلغان، مەركەزدە ياشانغان بىر ئايالنىڭ ئالدىدا ئېگىلگەن ئابې، ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپەت رايونىدا كۈندىلىك ھاياتنى نورماللاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقى توغرۇلۇق ۋەدە بەرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر