ترامپ ۋاشىنگتون سوتچىسىنى ئالىي سوتنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسەتتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋاشىنگتون يۇقىرى سوتىنىڭ سوتچىسى برېت كاۋانانى ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەزالىقىغا نامزات كۆرسەتتى.

1009390
ترامپ ۋاشىنگتون سوتچىسىنى ئالىي سوتنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت ترامپ ئاقسارايدا ۋاشىنگتون يۇقىرى سوتىنىڭ سوتچىسى برېت كاۋانانى ئالىي سوتنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسەتكەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ: "كاۋانا ئامېرىكا قانۇنلىرىنى ئەڭ ياخشى ئىجرا قىلىدىغان كىشى" دېدى.

ئۇ كاۋانانىڭ ئامېرىكا ئالىي سوتىدىن پېنسىيەگە چىقىدىغان ئانتونى كىننېدىينىڭ ئورنىغا ۋەزىپىگە ئولتۇرىدىغان "ئەڭ ياخشى كىشى" ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

برېت كاۋانا ئۆزىنى نامزاتلىققا كۆرسەتكەن ترامپقا تەشەككۈر ئېيتىپ: "ماڭا بولغان ئىشەنچىڭىزنى يەردە قويمايمەن، بۇنىڭدىن ئۆزەمنى شەرەپلىك ھېس قىلىمەن" دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر