بېيجىڭ ئەرەب دۆلەتلىرىگە مىلياردلارچە دوللار قەرز ۋە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، ئەرەب دۆلەتلىرىگە 23 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق قەرز ۋە ئىنسانىي ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى.

1009457
بېيجىڭ ئەرەب دۆلەتلىرىگە مىلياردلارچە دوللار قەرز ۋە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا ئەرەب دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن چاقىرىلغان بىر يىغىندا سۆز قىلىپ، ئەرەب دۆلەتلىرىگە 23 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق قەرز بېرىدىغانلىقى ۋە ئىنسانىي ياردەم قىلىدىغانلىقىنى؛ بۇ پۇلنىڭ 91 مىليون دوللىرىنىڭ ئىنسانىي ياردەم سۈپىتىدە سۈرىيە، يەمەن، ئىيوردانىيە ۋە لىۋانغا بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ، يەنە 151 مىليون دوللارنىڭ ياردەم قۇرۇلۇشلىرىغا ئاجرىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «خىتاي بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرى زامانىۋىيلىشىش خىيالىنى ياقلايدىغان تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرى ئەتراپىدا كۈچ شەكىللەندۈرۈشى كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

شى جىنپىڭ، بېيجىڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانى ئافرىقىنىڭ شەرقىي بىلەن، ھىندى ئوكياننى ئاقدېڭىز بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان كېلەچەكتىكى ئارقا سەپ يولى قۇرۇلۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر