بىر ياپونىيە پۇقراسى خىتايدا تۈرمىگە تاشلاندى

خىتاي ھۆكۈمىتى بىر ياپونىيە پۇقراسىنى جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلەپ قاماققا ھۆكۈم قىلدى.

1009713
بىر ياپونىيە پۇقراسى خىتايدا تۈرمىگە تاشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كيودو خەۋەر ئاگېنتلىقى ياپونىيە پۇقراسىنىڭ خىتايدا قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2015-يىلى خىتاينىڭ شەرقىگە جايلاشقان جېجياڭ ئۆلكىسى ۋىنجۇ شەھىرىدىكى ھەربىي رايون ئەتراپىدا فوتوگراف تارتقانلىقى سەۋەبىدىن تۇتۇلغان 54 ياشلىق ياپونىيە پۇقراسى 12 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان.

ياپونىيە كابېنتىنىڭ سېكرېتارى يوسىھىدە سۇگا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، سوت ھۆكۈملىرىنىڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا تەرەققىي قىلغان ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىگە زىيان سالماسلىقى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

خىتاي دائىرىلىرى 2015-يىلدىن بۇيان سەككىز ياپونىيە پۇقراسىنى جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلىدى. خىتاي سوتىنىڭ مەزكۇر قارارى قاماق جازاسى بىلەن ئاخىرلاشقان تۇنجى ئۈلگە دېلو بولۇپ قالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر