ياپونىيەدە كەلكۈن سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئېشىپ بارماقتا
ياپونىيەدە كەلكۈن سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 100گە بېرىپ يەتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيەدە كەلكۈن ۋە تاغ غۇلاپ چۈشۈش ھادىسىلىرى تۈپەيلى قازا قىلغانلارنىڭ سانى 100گە يەتتى.
تەبىئىي ئاپەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى ئىزدەش قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىگە قاتناشقان ئاممىۋى مۇداپىئە، ساھىل بىخەتەرلىك، ساقچى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى سانىنىڭ 73مىڭغا يەتكۈزۈلگەنلىكىنى، تارقاقلاشتۇرۇش مەركەزلىرىدە تۇرۇۋاتقان كىشى سانىنىڭ 23 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئالاقىدار مەسئۇللار 11 رايوندىكى 267 مىڭ ئائىلىنى سۇ بىلەن تەمىنلەشتە قىيىنچىلىق كۆرۈۋاتقانلىقىنى، تاشيوللارنى سۇ بېسىپ كەتكەنلىكىنى، نۇرغۇن جايدا پويىز سەپەرلىرىنىڭ توختىتىۋېتىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
خىروشىما، ئېخىمە، ئوكاياما، ياماگۇچى، كىيوتو، گىفۇ، شىگا، ھىيوگو، كوچى ۋە فۇكۇكا قاتارلىق رايونلىرىدا ئېغىر زىيان كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ياپونىيە مىقىياسىدا شىددەتلىك ھۆل-يېغىننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان 19 رايوندىكى 5 مىليون 900مىڭ كىشىنى تارقاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن يوليورۇق چۈشۈرۈلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ.
ئافغانىستاندا ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى
ئافغانىستاننىڭ غور ۋىلايىتىدە بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان دەريا قىرغىقىغا چۈشۈپ كەتتى.