ئىتالىيە مۇساپىرلار كېمىلىرىنى پورتلىرىغا كىرگۈزمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئىتالىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ماتتو سالۋىنى مۇساپىرلار كېمىلىرىنى پورتلىرىغا كىرگۈزمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1008811
ئىتالىيە مۇساپىرلار كېمىلىرىنى پورتلىرىغا كىرگۈزمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ماتتو سالۋىنى ئىتالىيە پورتلىرىنىڭ مۇساپىرلار كېمىسىگە تاقىۋېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سالۋىنى تۋىتتېر ئادرېسىدا پەيشەنبە كۈنى ئاۋسترىيەنىڭ ئىننسبرۇك شەھىرىدە چاقىرىلىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا، بۇ مەسىلىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئاشقۇن مىللەتچىلەر شىمالىي بىرلەشمە پارتىيەسىنىڭمۇ باشلىقى بولغان سالۋىنى، بۇرۇنقى ئىتالىيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ «بارلىق كېمىلەردىكى مۇساپىرلارنى ئىتالىيەگە چۈشۈرۈش»نى مەزمۇن قىلغان كېلىشىمگە ئىمزا قويغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىتالىيە ھۆكۈمىتى خەلقئارا قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىگە قاتنىشىدىغان پاراخوتلارنىمۇ پورتلىرىغا كىرگۈزمەسلىكىنى پىلانلىماقتا.

ياۋروپا ئىتتىپاقى چېگرا مۇھاپىزەت تەشكىلاتىنىڭ خىزمەتلىرىگە شىمالىي ئاتلانتىك تەشكىلاتى-ناتو دۆلەتلىرىگە تەۋە ئۇرۇش پاراخوتلىرىمۇ قاتنىشىپ كېلىۋاتقانىدى.

ئىتالىيە ھۆكۈمىتى بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا ئىتالىيەگە 16700 كۆچمەننىڭ كىرگەنلىكىنى ۋە بۇ ساننىڭ 2017-يىلىغا قارىغاندا %80 ئازايغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر