ھايتىدە ھۆكۈمەتكە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش قانلىق ئاخىرلاشتى

ھايتىدە ھۆكۈمەتنىڭ يېقىلغۇ باھاسىنى ئۆستۈرۈش پىلانىغا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا 7 ئادەم ئۆلدى.

1008702
ھايتىدە ھۆكۈمەتكە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش قانلىق ئاخىرلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھايتىدە ھۆكۈمەتنىڭ يېقىلغۇ باھاسىنى ئۆستۈرۈش پىلانىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

نامايىشتا ئەڭ ئاز 7 ئادەم ئۆلدى، نامايىشچىلار نۇرغۇن ئىش ئورنىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى.

ساقچىلار جۈمە كۈنى باشلىغان نامايىشلاردا 3 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، يەكشەنبە كۈنىمۇ 4 ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئامېرىكىنىڭ پورت ئو پىرىنستا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئامېرىكا پۇقرالىرىنى تۇرۇۋاتقان يېرىدىن چىقماسلىققا چاقىردى.

ھايتى ھۆكۈمىتى نۇرغۇن ئايروپىلان سەپىرىنىڭ توختىتىۋېتىلگەنلىكىنى ۋە نامايىشلار سەۋەبىدىن مەملىكەت مىقىياسىدا تېلېگراف خىزمەتلىرىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھايتى ھۆكۈمىتى نامايىشلار سەۋەبىدىن شەنبە كۈنى بېنزىن ۋە دېزىل بولۇپ بارلىق يېقىلغۇلارنىڭ باھاسىنى %51 ئاشۇرۇش پىلانىنى ۋاقتىنچە توختىتىپ قويدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر