پاكىستاندا يىغىلىش مەيدانى قانغا بويالدى

پاكىستاندا پارلامېنت ئەزاسى نامزاتى مالىك شىرىنخان يىغىلىش ئۆتكۈزۈۋاتقاندا ۋەقە مەيدانغا كەلدى.

1008034
پاكىستاندا يىغىلىش مەيدانى قانغا بويالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان بىرلەشمە ھەرىكەت كومىتېتى پارلامېنت ئەزاسى نامزاتى مالىك شىرىخان يىغىلىش ئۆتكۈزۈۋاتقاندا پارتلاش ۋەقەسى مەيدانغا كېلىپ شىرىنخان بولۇپ جەمئىي 7 ئادەم يارىلاندى.

ساقچى ئەمەلدارى ھۇررام رەشىد پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى باننۇ شەھىرىدە پارلامنېت ئەزاسى نامزاتى مالىك شىرىنخان يىغىلىش ئۆتكۈزۈۋاتقاندا، موتسىكلىتقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبىنىڭ پارتىلتىلغانلىقىنى ئېيتتى.

رەشىد ھۇجۇم نىشانىنىڭ ئەسلىدە پارلامېنت ئەزاسى نامزاتى شىرىنخاننىڭ ئاپتوموبىلى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: ۋەقەدە يارىلانغان شىرىنخان ۋە باشقا كىشىلەر دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلدى، ھازىر ئۇلارنىڭ ئەھۋالى يامان ئەمەس، دېدى.

پاكىستان بىرلەشمە ھەرىكەت كومىتېتى باشلىقى مەۋلانا فازلۇرراھمان ۋە ئىسلام جامائىتى رەھبىرى سىراجۇل ھەق، بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى.

فازلۇرراھمان باياناتىدا پارلامېنت ئەزاسى نامزاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن سايلام كومىتېتىنى تېگىشلىك تەدبىرلەرنى ئېلىشقا چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر