پىيوڭياڭدىكى يادرو قوراللىرى مۇزاكىرىلىرى كۆڭۈلىدىكدەك ئۆتمىدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپيو كورېيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللىرىدىن تازىلاش مۇزاكىرىلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكەنلىكىنى دېگەن بولسا، شىمالىي كورېيە دائىرىلىرى ئوڭۇشلۇق بولمىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

1008148
پىيوڭياڭدىكى يادرو قوراللىرى مۇزاكىرىلىرى كۆڭۈلىدىكدەك ئۆتمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپيو شىمالىي كورېيە زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇردى.

پومپيو كورېيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللىرىدىن تازىلاش مۇزاكىرىلىرىدە شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتىدىن تەلەپ قىلغانلىرىنىڭ ئادىل بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيودا جەنۇبىي كورېيەلىك، ياپونىيەلىك مەنسەبداشلىرى كاڭ كىيۇڭ-ۋا ۋە تارو كونو بىلەن كۆرۈشكەن پومپيو، شىمالىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ «كورېيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللىرىدىن تولۇق تازىلاش ئۈچۈن بىتەرەپ بولمىغان ۋە قارا جەمئىيەت گۇرۇھلىرىدەك تەلەپلەرنىڭ»ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بايانات بېرىشى توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەگەر تەلەپلىرىمىز قارا جەمئىيەت گۇرۇھلىرىنىڭكىدەك بولغان بولسا، ئۇنداقتا دۇنيانىڭ ئۆزى قارا جەمئىيەت دېگەنلىكتۇر. چۈنكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە بىردەك ئاۋاز بىلەن بۇ ھەقتە قارار چىقىرىلغانىدى.»

توكيودا جەنۇبىي كورېيەلىك ۋە ياپونىيەلىك مەنسەبداشلىرىغا شىمالىي كورېيەدىكى مۇزاكىرىلەر توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن پومپيو، پىيوڭياڭ زىيارىتىنىڭ «ئوڭۇشلۇق»بولغانلىقىنى ئېيتتى.

پومپيو ھەممە تەرەپ تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتقان «كورېيە يېرىم ئاراللىرىنى يادرو قوراللىرىدىن تازىلاش خىزمىتى»نىڭ رەسمىي باشلىنىشى ئۈچۈن بەزى زۆرۈر قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتىپ: يادرو قوراللىرىدىن تازىلىنىش خىزمىتى رەسمىي باشلانغۇچە شىمالىي كورېيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولار داۋاملىشىدۇ، دېدى.

پومپيو مۇزاكىرىلەردە ھاسىل قىلىنغان ئىلگىرىلەشلەرگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپلا ئېمبارگولارنىڭ يۇمشىتىلمايدىغانلىقىنىمۇ بىلدۈردى.

بىراق پومپيو زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ قايتقاندىن كېيىن، شىمالىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان بىر ئەمەلدار پومپيو زىيارىتىنىڭ «ئوڭۇشلۇق» بولمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بايانات بەردى.

بۇ ئەمەلدار شىمالىي كورېيە خەۋەر ئاگېنتلىقى «KCNA » نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: ئامېرىكىنىڭ مۇزاكىرىلەرنىڭ روھىغا مۇۋاپىق ھالدا ئىشەنچنى كۈچەيتىدىغان تەلەپ-پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى كۈتەتتۇق، بىزمۇ مۇشۇنداق قىلىش نىيىتىدە ئىدۇق، بىراق ئامېرىكا مۇزاكىرىلەرنىڭ روھىغا زىت ھالدا بىتەرەپ بولمىغان ۋە تەھدىت خاراكتېرلىك تەلەپ-پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ بىزنى ئۈمىدسىزلىككە مۇپتىلا قىلدى، دېدى.

بۇ ئەمەلدار يەنە كورېيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللىرىدىن تازىلاش ئۈچۈن «باسقۇچلۇق ۋە تەڭ ۋاقىتلىق» مۇزاكىرىلەرنىڭ مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپيو پىيوڭياڭ باشلىقلار يىغىنىدا شىمالىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رى يوڭخو ۋە شىمالىي كورېيە كوممۇنىست پارتىيەسى مەركەز كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى كىم يوڭ چوڭ بىلەن كۆرۈشكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر