كەشمىردە قانلىق ۋەقە مەيدانغا كەلدى

كەشمىردە ھىندىستان ئەسكەرلىرى نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىپ 3 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

1008033
كەشمىردە قانلىق ۋەقە مەيدانغا كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستاننىڭ جامۇ كەشمىر ئۆلكىسىدە ھىندىستان ئەسكەرلىرىنىڭ نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە 3 ئادەم ئۆلدى.

ساقچىلار كەشمىرنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان كۇلگامدا چارىلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەسكەرلەرگە تاش ئاتقان نامايىشچىلارنى ئەسكەرلەر تارقىتىۋېتىش ئەسناسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەدە 3 ئادەم ئۆلگەندىن سىرت 5 ئادەمنىڭمۇ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ھۈررىيەت مەجلىسى باشلىقى مىرۋايىز ئۆمەر فارۇق تۋىتتېر ئادرېسىدا  كەشمىردە مەيدانغا كەلگەن قانلىق ۋەقە توغرۇلۇق ئۇچۇر يېزىپ تارقاتتى.

ئۆمەر فارۇق ئۇچۇرىدا مۇنداق دېدى: «سىلەر بىلەن ئوخشىمايدىغان قارىشى بولغانلارنى قەتل قىلىش تولىمۇ نامەردلىكتۇر، كەشمىرلىكلەر ھىندىستاننىڭ بېسىمىغا بويۇن ئەگمەيدۇ.»

ۋەقەدىن كېيىن كەشمىرنىڭ ئانانتناگ، كۇلگام، شوپىيان ۋە پۇلۋاما رايونلىرىدا ئىنتېرنېت كېسىۋېتىلدى.

بۇ ئارىلىقتا، كەشمىردە تۈنۈگۈن مۇستەقىللىقنى ياقلايدىغان دۇكتاران-ئې مىللات تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئاسىيە ئاندراب ھىندىستان دۆلەتلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى تەرىپىدىن نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر