بىريۇسسېلدا ترامپقا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

بېگلىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا مىڭلارچە ئادەم ناتو باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بىريۇسسېلغا كېلىدىغان دونالد ترامپقا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

1008031
بىريۇسسېلدا ترامپقا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېگلىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا مىڭلارچە ئادەم ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپقا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

بېلگىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە ئۇيۇشمىلارنىڭ چاقىرىقىغا ئاساسەن، مىڭلارچە ئادەم شىمالىي پويىز ۋوگزالى ئالدىغا يىغىلىپ نامايىش ئۆتكۈزدى.

نامايىشچىلار«ترامپنى قارشى ئالمايمىز»دەپ شوئار توۋلاشتى.

نامايىشچىلار «ترامپنى توختىتىڭلار، كىلىمات ئۆزگىرىشى يالغان ئەمەس، ترامپ چاڭگىلىڭنى ھەققىمگە ئۇزاتما»دېگەن مەزمۇنلار يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈۋېلىشتى.

نامايىشتا پەلەستىننى قوللايدىغانلارمۇ بار بولۇپ، ئۇلار «تىنچلىقنى قايتىدىن بەرپا قىلايلى»دەپ شوئار توۋلاشتى.

نامايىشچىلار ئوتتۇرا شەرقنىڭ ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋەتكەن تىرامپنى ئەيىبلەشتى.

نامايىش جېدەلسىز ھالدا ئاخىرلاشتى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 11-ئىيۇلدىن 12-ئىيۇلغىچە بىريۇسسېلدا چاقىرىلىدىغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتو باشلىقلار يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن بىريۇسسېلغا كېلەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر