دەرئادىن قاچقانلارنىڭ سانى 350مىڭدىن ئېشىپ كەتتى

ئەسەد قىسىملىرىنىڭ دەرئاغا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىشى سەۋەبىدىن رايوننى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلارنىڭ سانى 350مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.

1006864
دەرئادىن قاچقانلارنىڭ سانى 350مىڭدىن ئېشىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە ئەسەد قىسىملىرى ۋە قوللىغۇچىلىرىنىڭ سۈرىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان دەرئا ۋىلايىتىگە قىلغان ھۇجۇملىرى سەۋەبلىك يۇرت-ماكانلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلارنىڭ سانى 350مىڭدىن يەتتى.

ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە قوللىغۇچىلىرىنىڭ 20-ئىيۇلدا سۈرىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان دەرئا ۋىلايىتىدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدا تۇرۇۋاتقان رايونلارغا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىشى تۈپەيلى، يەرلىك خەلق ئىيوردانىيە ۋە ئىسرائىلىيە چېگراسىدىكى رايونلارغا كۆچۈشكە باشلىدى.  

دەرئا ئاممىۋى مۇداپىئە جەمئىيىتى ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ھۇجۇمىدىن قېچىپ ئىيوردانىيە ۋە ئىسرائىلىيە چېگراسىغا كەلگەن سۈرىيەلىكلەرنىڭ سانىنىڭ 350مىڭدىن ئاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان دەرئالىقلار چېگرا رايونلىرىدا پاناھلىنىش ئۈچۈن جاي ئىزدىمەكتە.

كۆپ قىسمى بالا ۋە ئاياللاردىن تەشكىل تاپقان يۈز مىڭلارچە كۆچمەن، پاكىز سۇدىن مەھرۇم ھالەتتە ياشىماقتا.

چېگرا رايونلىرىنىڭ تېمپېراتۇراسىنىڭ  45 گىرادۇسقا ئۆرلەپ كېتىشى ۋە چۆل شاماللىرى كۆچمەنلەرنىڭ ھاياتىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرماقتا.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر