ئوتتۇرا شەرققە سېتىلغان قوراللارنىڭ يېرىمىدىن كۆپىنى فىرانسىيە سېتىپ بەرگەن

ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىگە سېتىلغان قوراللارنىڭ يېرىمىدىن كۆپىنى ساتقان فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنى، رايوندىكى توقۇنۇشلارنى ئۇلغايتىپ، قورال سېتىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش بىلەن ئەيىبلىدى.

1006414
ئوتتۇرا شەرققە سېتىلغان قوراللارنىڭ يېرىمىدىن كۆپىنى فىرانسىيە سېتىپ بەرگەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بىلەن قوراللىنىشنى كۆزىتىش ئۆيى بىرلىكتە فىرانسىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىگە قورال سېتىپ بېرىشى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا، فىرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ پارلامېنتقا سۇنغان قورال سېتىش ۋە قورال ئېكسپورت دوكلاتى مۇھاكىمە قىلىندى.

باياناتتا، فىرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى دوكلاتىنىڭ بىر ئاي كېچىككەنلىكى ۋە ب د ت قورال سودا كېلىشىمىدىكى مەجبۇرىيەتلەرگە ئورۇن ئاجرىتىلماستىن ئېلان قىلىنغانلىقى؛ فىرانسىيەنىڭ قوراللىنىش رىقابىتىدە نومۇس قىلارلىق شەكىلدە پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى كىرىزىستىن پايدىلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

فىرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا فىرانسىيەنىڭ 2017-يىلى قورال سېتىپ 6.9 مىليارد ياۋرو كىرىم قىلغانلىقىنىڭ تىلغا ئېلىنغانلىقى ئەسلەپ ئۆتۈلگەن باياناتتا، بۇ كىرىمنىڭ 3.9 مىليارد ياۋرولۇق قىسمىنىڭ پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىگە سېتىلغان قوراللاردىن قولغا كەلگەنلىكى ۋە بۇ دۆلەتلەرنىڭ توقۇنۇش ھالىتىدە ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

قوراللىنىشنى كۆزىتىش ئۆيىنىڭ ۋەكىلى تونى فورتىن: "يەمەندىكى توقۇنۇشلاردا ھۆكۈمەت تەرەپنى قوللىغان خەلقئارالىق بىرلەشمە قىسىم ئەزالىرىدىن سەئۇدى ئەرەبىستان2017-يىلى 1.38 مىليارد ياۋرو قىممىتىدە قورال سېتىۋېلىپ، فىرانسىيەنىڭ ئىككىنچى چوڭ خېرىدارىغا ئايلاندى. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، كۈۋەيت، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە مىسىر فىرانسىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم خېرىدارلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ" دېدى.

باياناتتا، يەمەندە 2015-يىلىدىن تارتىپ داۋاملاشقان ھەربىي ھەرىكەتلەردە 10 مىڭ كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە ئەڭ ئېغىر ئىنسانىي كىرىزىسلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى:

"فىرانسىيەنىڭ بۇ دۆلەتلەرگە قورال سېتىپ بېرىشى، ئۇرۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن دۆلەتلەرگە قورال سېتىشنى چەكلىگەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قورال سودىسى كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىق بولىدۇ."



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر