ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارى، ھۇسىيلارنىڭ 814 ئايالنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

يەمەندە ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان ھۇسىيلارنىڭ 814 ئايالنى ئۆلتۈرگەنلىكى، 4179 ئايالنى يارىلاندۇرغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1006147
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارى، ھۇسىيلارنىڭ 814 ئايالنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەن كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى مىنىستىرى مۇھەممەد ئەسكەر، جەنۋەدىكى شىۋېتسىيە مەتبۇئات سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا سۆز قىلىپ، «ھۇسىيلار، ئۇرۇش باشلىغاندىن تارتىپ ماي ئېيىغىچە بولغان جەرياندا 814 ئايالنى ئۆلتۈردى، 4179 ئايالنى يارىلاندۇردى» دېدى ۋە ھۇسىيلارنىڭ ئاياللارغا سۈرگۈن قىلىش، نازارەت ئاستىغا ئېلىش، باسقۇنچلىق قىلىشتەك زوراۋان سىياسەتلەرنى يۈرگۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.

مۇھەممەد ئەسكەر، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋە پائالىيەتچى رىھام ئەلبەدىرنىڭ فېۋرال ئېيىدا ھۇسىي مەرگەنلىرى تەرىپىدىن تەئىزدە ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.

ئۇ يەنە، ھۇسىيلارنىڭ بالىلارغا قارىتا «ئۆلتۈرۈش، مېيىپ قىلىپ قويۇش، مەجبۇرىي ئەسكەرلىككە ئېلىش، تۇتۇپ كېتىش، مەكتەپلەرگە ھۇجۇم قىلىش ۋە جىنسىي زورلۇق قىلىش» تەك قانۇنسىز قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

يەمەنلىك مىنىستىر ئەسكەر سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ھۇسىيلارنىڭ نۇرغۇن جايلارنى مىنالاشتۇرغانلىقىنى، مەزكۇر مىنالارنىڭ كۆپ سانلىقى ئاياللار ۋە بالىلار بولۇپ يۈزلەرچە كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر