يەمەندە ھۇسىيلار يەنە بىر ژۇرنالىستنى تۇتۇپ كەتتى

يەمەن رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ سابىق مۇخبىرى ئابدۇسالام ئەددەيس پايتەخت سانادا ھۇسىيلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلدى.

1005696
يەمەندە ھۇسىيلار يەنە بىر ژۇرنالىستنى تۇتۇپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەن ژۇرنالىستلار ۋە مۇخبىرلار بىرلەشمىسى مائارىپ ۋە ساغلاملىك كومىتېتىنىڭ باشلىقى نەبىل ئەلئۇدەيسنىڭ ئېيتىشىچە، ھۇسىيلاردىن 5 كىشىلىك بىر گۇرۇپپا  ئىلگىرى يەمەن خەۋەر ئاگېنتلىقىدا ئىشلىگەن ژۇرنالىست ئابدۇسالام ئەددەيسنى تۈنۈگۈن كەچتە پايتەخت سانائادا بىر ئۇرۇق – تۇغقىنىنىڭ ئۆيىدىن تۇتۇپ كەتكەن، ھەمدە ئۇنىڭ تېلېفونى بىلەن كامېراسىنىمۇ بىللە ئېلىپ كەتكەن بولۇپ، يەمەندىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەنسۇپلىرى دۇچ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى سەۋەبىدىن ئۇزۇندىن بۇيان ئىشلىمەيۋاتقان ئابدۇسالام ئەددەيسنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق ئىكەنلىكى نامەلۇم ئىكەن.

ھۇسىيلار ئۆتكەن ھەپتىمۇ ئىباد جەرادى ئىسىملىك بىر ژۇرنالىستنى تۇتۇپ كەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر