ب د ت سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى توقۇنۇشلار ھەققىدە جىددى ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدا ئەۋج ئېلىۋاتقان توقۇنۇشلارنىڭ جىددىي سېگنال بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1002845
ب د ت سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى توقۇنۇشلار ھەققىدە جىددى ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدا ئەۋج ئېلىۋاتقان توقۇنۇشلارنىڭ جىددىي سېگنال بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھەربىي ھەرىكەتلەرنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرىق قىلدى.

ئانتونىيو گۇتېررېس ھەر قايسى تەرەپلەرگە ئالدىنقى يىلى رۇسىيە، ئامېرىكا ۋە ئىيوردانىيە ئوتتۇرىىسدا تۇزۇلگەن جىددىيچىلىكنى تۆۋەنلىتىش كېلىشىمىنى ئەسكەرتىپ، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى تۈزەلگەنلىكىگە قارىماستىن، رايوندا ئەۋجىگە چىققان توقۇنۇشلارنىڭ تولىمۇ شىددەتلىك بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

گۇتېررېس توقۇنۇشلارنىڭ ئىنسانپەرەۋەلىك ياردەملەرگىمۇ تەسىر كۆرسىتىىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ كاپالەتچى دۆلەتلىرىگە قاراتقان ھالدا: «ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە رىئايە قىلىشلىرى كېرەك ۋە ھەربىي ھەرىكەتلەرنى دەرھال توختىتىشى لازىم» دەپ چاقىرىق ئېلان قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر