نىگېرىيەدە دەھشەتلىك پاجىئە يۈز بەردى
غەربىي ئافرىقا دۆلىتى نىگېرىيەنىڭ لاگوس شەھىرىدە بىر ماي توشۇش ماشىنىسى بىلەن ئاپتوموبىل سوقۇلۇپ كېتىپ 9 كىشى قازا قىلدى.
1002523
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، لاگوس – ئبادان دۆلەتلىك تاش يولىدا بىر ماي توشۇش ماشىنىسى بىلەن ئاپتوموبىل سوقۇلۇپ كەتكەن، ئارقىدىنلا پارتلاش يۈز بېرىپ، 9 كىشى قازا قىلغان، 4 كىشى يارىلانغان، پارتلاشتىن كېيىنكى ئوت ئاپىتىدە كەم دېگەندە 50 ئاپتوموبىل كۆيۈپ كەتكەن.