تالىباننىڭ ھۇجۇمدا 16 ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلدى

تالىباننىڭ ئافغانىستاندىكى بىر ساقچى مەركىزىگە قىلغان قوراللىق ھۇجۇمىدا 16 ساقچىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1001801
تالىباننىڭ ھۇجۇمدا 16 ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاخار ۋالىيلىق مەھكىمىسى باياناتچىسى سۇننەتۇللاھ تىمۇر، تالىبان كۈچلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان تاخار ۋىلايىتىنىڭ چاھ ئاب ناھىيەسىدىكى يەتىم تەپە رايونى چېگرا مۇداپىئە ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلىپ 16 ساقچىنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىنى، 6 ساقچىنىڭ ھازىرغىچە ئىزدېرىكىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

تالىبان تەرەپنىڭ باياناتىدا بولسا، ھۇجۇم نەتىجىسدە 4 ساقچى پونكىتىنىڭ قولغا كىرگۈزۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر