پومپېئو پالاتا ئەزالىرىنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى (ئا ق ش) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئو، تۈركىيەدىكى سايلام مۇساپىسىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى، ئەمدى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك سۆھبەت مۇساپىسىگە قەدەم بېسىشقا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1001428
پومپېئو پالاتا ئەزالىرىنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مايك پومپېئو، پالاتا ئەزالىرىنىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 2019 – يىللىق خامچوتىغا ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى سۆزلىرى تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە قانداق يۈزلىنىشلەر بولىدىغانلىقىغا دائىر يىپ ئۇچلىرى بار ئىدى. پومپېئو، تۈركىيە بىلەن قىيىن بىر باسقۇچنى باشتىن كەچۈرگەنلىكلىرىنى، دۆلىتىنىڭ سۈرىيەدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۇرىيە قانىتى پ ي د – ي پ گ بىلەن ئورناتقان يېقىن ھەمكارلىقىدىن تۈركىيەنىڭ نارازى بولغانلىقىنى ئېيتتى.

مايك پومپېئو، جۇمھۇرىيەتچى پالاتا ئەزاسى لىندسېي گراھامنىڭ «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قايتىدىن 5 يىللىق سايلاندى. بۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيەنى تېخىمۇ ياخشى بىر شېرىك، دەپ قارىشىمىز ئۈچۈن، دۆلەت مەجلىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىگە قانداق ياردەمچى بولالايمىز؟» دېگەن سوئالىغا «سۈرىيەدە مۇنبىچنىڭ تېرروردىن خالىيلاشتۇرۇلۇشى بويىچە 3 ھەپتە ئىلگىرى ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلدۇق. تۈركىيەدە سايلام ئاخىرلاشتى، ئەمدى تۈركىيە بىلەن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك سۆھبەت مۇساپىسىگە قەدەم بېسىشىمىز مۇمكىن» دەپ جاۋاب بەردى.

تۈركىيەنىڭ رايوندا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە سىياسىي چارە تېپىشنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن پومپېئو، تۈركىيە بىلەن يانمۇيان خىزمەت قىلىشنى قوبۇل قىلىشلىرى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

مايك پومپېئو، دېموكراتچى قاناتنىڭ پالاتا ئەزاسى ۋان خوللېننىڭ، تۈركىيە رۇسىيەدىن ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى S-400 باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى سېتىۋالغان تەقدىردە، F-35 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى بېرىپ – بەرمەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا، قىسقىلا قىلىپ، تۈركىيە بىلەن S-400 باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار توغرىسىدا سۆزلىشىۋاتىمىز، دېيىش بىلەنلا كۇپايىلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر