ھىندونېزىيەدە ساختا ھاراق 8 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
ھىندونېزىيەدە ساختا ھاراق ئىچكەنلىكى ئېنىقلانغان 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
1001638
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت جاكارتانىڭ غەربىدىكى جەنگكارەڭدە نەپەس يېتىشمەسلىك، كۆڭۈل ئېلىشىش، ھۇشۇنى يوقۇتۇش ۋە كۆزى خېرەلىشىش قاتارلىق ئۆزگىرىشلەر تۈپەيلىدىن دوختۇرخانىغا بارغان ۋە ساختا ھاراق ئىچكەنلىكى ئېنىقلانغان 8 كىشى ئۆلدى.
ھىندونېزىيەدە ئاپرېل ئېيىدىمۇ ساختا ھاراق ئېچكەنلىكى سەۋەبىدىن 100 دىن ئارتۇق كىشى ئۆلگەن ئىدى.