ب د ت مالايشىيادىن مۇساپىرلارغا ئىشلەش ئىجازىتى بېرىشنى تەلەپ قىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقى، مالايشىيانى مۇساپىرلارغا خىزمەت قىلىش ئىجازىتى بېرىشكە چاقىردى.

1001039
ب د ت مالايشىيادىن مۇساپىرلارغا ئىشلەش ئىجازىتى بېرىشنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ مالايشىيا ۋەكىلى رىچارد توۋل، مۇخبىرلارنىڭ مالايشىيانىڭ مۇساپىرلار سىياسىتى توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. «The Star» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، توۋل، «مۇساپىرلارنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلگەندە، قانۇنلارنى، بەلگىلىمىلەرنى ۋە خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئىدارە قىلغىلى بولىدۇ. خىزمەت بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ مۇساپىرلار قىلالايدىغان تۈردىكى ئەمگەك كۈچىگە جەزمەن ئېھتىياجى بار» دېدى.

ئۇ، مالايشىيانىڭ مۇساپىرلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، ھۆكۈمەتنى مۇساپىرلارنى مالايشىيادا پاناھلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشقا ۋە ئۇلارغا خىزمەت قىلىش ئىجازىتى بېرىشكە چاقىردى.

مالايشىيانىڭ مۇساپىرلارغا ياردەم قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن توۋل، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يېڭى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن مۇساپىرلار مەسىلىسى توغرىسىدا سۆزلىشىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ب د ت  مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، مالايشىيادا جەمئىي 157 مىڭ 580 تىزىمغا ئېلىنغان مۇساپىر بار بولۇپ، بۇلارنىڭ 72490 نەپىرى ئاراكانلىقلار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر