ترامپ ئەردوغاننى تەبرىكلىدى

دونالد ترامپ 24-ئىيۇلدىكى سايلامدا غەلىبە قولغا كەلتۈرۈپ يېڭى ھۆكۈمەت تۈزۈمىنىڭ تۇنجى جۇمھۇر رەئىسى بولغان  رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى تەبرىكلدى.

1000423
ترامپ ئەردوغاننى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 24-ئىيۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن جۇمھۇر رەئىسلىك ۋە پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمىدا ئۇتۇپ چىققا ن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى تەبرىكلدى.

دونالد ترامپ 24-ئىيۇلدىكى سايلامدا غەلىبە قولغا كەلتۈرۈپ يېڭى ھۆكۈمەت تۈزۈمىنىڭ تۇنجى جۇمھۇر رەئىسى بولغان  رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تېلېفون قىلدى.  

ترامپ بىلەن ئەردوغان ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇداپىئە ۋە ھەربىي ساھەلەردىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىدىن سىرت باشقا ساھەلەردىكى مۇناسىۋەتلەرنىمۇ كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەشتى.

ئەردوغان بىلەن ترامپ يەنە سۈرىيەنىڭ مۇنبىچ مەسىلىسىدە تۈركىيە-ئامېرىكا ئارىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنىڭ روھىي بويىچە ھەرىكەت قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى بىلدۈرۈشتى.

تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا مۇنبىچ مەسىلىسىدە ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمدە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك- ي پ گ نىڭ مۇنبىچتىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقى، ئامېرىكىنىڭ بۇ تەشكىلاتقا بەرگەن قورال-ياراغلارنى قايتۇرۇپ ئالىدىغانلىقى ۋە رايوننىڭ يەرلىك خەلققە تاپشۇرۇپ بېرىلىدىغانلىقى قەيت قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر