خىتاي تەيۋەنگە تەھدىت سالدى

خىتاي تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى ياقلايدىغان كۈچلەرنى ئوت بىلەن ئوينىماسلىققا چاقىردى.

1000870
خىتاي تەيۋەنگە تەھدىت سالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىق يولىدا «بۆلگۈنچىلىك خاراكتېرىدىكى پىلانلار»نى قىلىشىغا توسالغۇ بولۇش ئۈچۈن تېگىشلىك قەدەملەرنى تاشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تەيۋەنگە تەھدىت سالدى.

خىتاي دۆلەت كېڭىشى تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى باياناتچىسى ما شىياۋگۇاڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتكەن پاراخوتنىڭ ۋەزىپىسى توغرۇلۇق سورالغان سوئالغا قارىتا، تەيۋەننى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن بۇ پاراخوتنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتكەنلىكىنى ئېيتتى.

ما مۇنداق دېدى: «تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىق  يولىدا بۆلگۈنچىلىك خاراكتېرىدىكى پىلانلارنى قىلىشىغا توسالغۇ بولالايدىغان كۈچكە ئىگىمىز.»

تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى ياقلىغۇچىلارنىڭ خىتاينىڭ تەرەققىياتىغا قارشى ھەرىكەت قىلىشىغا قەتئىي يول قويۇلمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ما: تەيۋەنننىڭ مۇستەقىللىقىنى ياقلىغۇچىلارنى ئوت بىلەن ئوينىماسلىققا چاقىرىمىز، دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر