ئامېرىكادا ئوت ئاپىتى 3000 كىشىنى ئۆي – ماكانسىز ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى
ئامېرىكانىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىتىنىڭ شىمالىدىكى لەك كونتىي رايونىدا يۈز بەرگەن دالا ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن 3 مىڭ كىشى بىخەتەر جايلارغا يۆتكىلىشكە مەجبۇر بولدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كالىفورنىيە ئورمان ئىشلىرى ۋە ئوت ئاپىتىدىن قوغدىنىش ئىدارىسىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، شامال سەۋەبىدىن بارغانچە كېڭىيىپ كېتىۋاتقان دالا ئوت ئاپىتىنىڭ تەخمىنەن 31 كىۋادىرات كىلومېتىرغىچە كېڭەگەنلىكى، تېخىچە كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىش مۇمكىن بولمىغانلىقى ۋە 3000 كىشىنىڭ ئۆي– ماكانلىرىنى تاشلاپ كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئوت ئاپتىدە ھازىرچە ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىدار بولۇش ھادىسىسى كۆرۈلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئاز دېگەندە 22 ئۆي ۋە بىنانىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
كالىفورنىيە ۋالىيسى جېررىي بىرىوۋن ئوت ئۆچۈرۈش خىزمەتلىرىگە تېخىمۇ كۆپ مەنبە ئاجرىتىش ئۈچۈن رايوندا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.
لەك كونتىي ۋە ئەتراپىدا 230 دىن ئارتۇق ئوت ئۆچۈرۈش خادىمىنىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلانى ۋە توپا ئىتتىرىش ماشىنىلىرى قاتارلىق ئەسلىھەلەر ئارقىلىق ئوت ئاپىتىنى كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىشقا تىرىشۋاتقانلىقى، بىراق ناچار مۇھىت سەۋەبىدىن ئوت ئۆچۈرۈش خىزمەتلىرىنىڭ قىيىنلىشىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.
رايوندا 2015 – يىلى يۈز بەرگەن دالا ئوت ئاپىتىدە، 4 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ تەخمىنەن 2000 بىنا زىيانغا ئۇچرىغان ئىدى.