گىرېتسىيەدە ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

گىرېتسىيەنىڭ سەلانىك شەھىرىدە ماكېدونىيە بىلەن كېلىشىم تۈزگەن ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

999673
گىرېتسىيەدە ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيەنىڭ سەلانىك شەھىرىدە گىرېتسىيە ۋە ماكېدونىيە ھۆكۈمەتلىرى ئارىسىدا ھاسىل قىلىنغان «نام مەسىلىسى»گە مۇناسىۋەتلىك كېلىشىمگە نارازىلىق بىلدۈرگەن نامايىشچىلار ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشتى.

سەلانىك سودا يەرمەنكە مەيدانىدا رادىكال سولچىللار ئىتتىپاق پارتىيەسى تەرىپىدىن «ماكېدونىيە»تېمىسى بويىچە ئۇيۇشتۇرۇلغان يىغىن زالى جايلاشقان بىنانىڭ ئالدىغا يىغىلغان بىر تۈركۈم كىشى، ھۆكۈمەتكە قارشى شوئار توۋلاپ بىنانىڭ ئىچىگە كىرىشكە ئۇرۇندى.

گىرېتسىيە بايراقلىرى كۆتۈرۈۋالغان نامايىشچىلار دەسلەپ ئەتراپتىكى ئەخلەت ساندۇقلىرىنى ئوت قويۇۋېتىپ ئارقىدىن بىناغا كىرمەكچى بولغاندا، ساقچىلار ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتتى.

ساقچىلارغا تاش ئاتقان نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدىكى توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن شەھەر مەركىزىدىكى بەزى كوچىلار قاتناشقا توسۇۋېتىلدى، نامايىش ئەسناسىدا شەھەر مەيدانىدىكى چىمىسكى كوچىسىغا توختىتىپ قويۇلغان بەزى ئاپتوموبىللار زىيانغا ئۇچرىدى.

ساقچىلار 3 نامايىشچىنى تۇتقۇن قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر