ئادولوف گىتلېرنىڭ ئارا – قوشۇقى مىڭلىغان فوند ستېرلىڭغا سېتىلدى
2 – دۇنيا ئۇرىشى مەزگىلىدىكى ناتسېست گېرمانىيەسىنىڭ ئەڭ مەشھۇر رەھبىرى ئادولوف گىتلېرنىڭ ئارا – قوشۇق، پىچاق تورى 12500 فوند ستېرلىڭغا سېتىلدى.
997900
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىتلېر ئۈچۈن مەخسۇس كۈمۈشتىن ياسىتىلغان بۇ ئارا – قوشۇق، پىچاق تورى ئەنگلىيەنىڭ غەربىدىكى دورسېتتە ئۆتكۈزۈلگەن تالاشتۇرۇپ سېتىشتا خىرىدارلار بىلەن ئۇچراشتى.
شېربورن تالاشتۇرۇپ سېتىش مەركىزى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، 2 دانە پىچاق، 3 دانە قوشۇق، ۋە 3 دانە ئارا – قوشۇقتىن تەشكىل تاپقان بۇ ئارا – قوشۇق تورىنىڭ گىتلېرنىڭ 50 ياشقا كىرگەنلىكىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغانلىقىنى، ھەر بىر پارچىسىنىڭ ئۈستىدە، ناتسېست گېرمانىيەسىنىڭ بۈركۈت بەلگىسى، كىرىست ۋە گىتلېرنىڭ ئىسمىنىڭ باش ھەرىپلىرى بارلىقى بىلدۈرۈلدى.