يەمەن ئارمىيەسى ئىلگىرىلىمەكتە

يەمەن ئارمىيەسى دۆلەتنىڭ شىمالىدىكى سادا ۋە ئوتتۇرا قىسىمدىكى بەيدا ۋىلايىتىدە 10 ئەسكىرىدىن ئايرىلىپ، سەككىز ئەسكىرى ئەسىرگە چۈشكەن ھۇسىيلارنىڭ قولىدىن بەزى جايلارنى قايتۇرۇۋالدى.

996486
يەمەن ئارمىيەسى ئىلگىرىلىمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەن ئالاھىدە بىرىگادىسىنىڭ قوماندانى ئادىل بىن ئەلمۇسابى ئارمىيە ئۇچۇر-ئالاقە مەركىزىگە بايانات بەرگەندە، ئۈچ كۈندىن بۇيان سادا ۋىلايىتىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئەززاھىر ناھىيەسىنىڭ مەركىزى ئەلمەلاھىز رايونىدا خەۋپسىزلىك قىسىملىرى بىلەن ھۇسىيلار ئوتتۇرىسىدا شىددەتلىك توقۇنۇشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ خەۋپسىزلىك قىسىملىرىنىڭ بەزى جايلاردا كونتروللۇقنى قولغا كىرگۈزۈپ ئىلگىرىلىگەنلىكىنى، ھۇسىيلارنىڭ زور چىقىمغا ئۇچرىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

يەمەن 26-پىيادىلەر بىرىگادىسىغا قاراشلىق ئالاھىدە قىسىمنىڭ قوماندانى ئىسام بۇھايبىھ بەيدا ۋىلايىتىدىكى ئاقەبەتۇل قانزائا تېغىنىڭ كونتروللۇقىنى قولغا كىرگۈزگەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

بىلدۈرۈلىشىچە، توقۇنۇشلاردا ھۇسىيلارنىڭ 10 ئەسكىرى ئۆلگەن، سەككىز ئەسكىرى ئەسىرگە چۈشكەن. كۆمۈپ قويۇلغان مىنانىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە يەمەن ئارمىيەسىنىڭ ئۈچ ئەسكىرى جېنىدىن ئايرىلغان، بىر قانچە ئەسكەر يارىلانغان.

ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان سىياسىي مۇقىمسىزلىق ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان يەمەندە، ھۇسىيلار بىلەن قانۇنلۇق ھۆكۈمەت قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا شىددەتلىك توقۇنۇشلار يۈز بەرمەكتە. ھۇسىيلار 2014-يىلى سېنتەبىردىن تارتىپ پايتەخت سانائا ۋە بەزى رايونلارنىڭ كونتروللۇقىنى قولغا كىرگۈزگەن بولسا، سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىم ھۇسىيلارغا قارشى يەمەن ھۆكۈمىتىنى قوللاپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر