موسكۋا ناتونىڭ رۇسىيە چېگرالىرىدىكى ئەسكەر سانىنى 7 ھەسسە ئاشۇرغانلىقىنى بىلدۈردى

رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتونىڭ رۇسىيە چېگرالىرىدىكى ھەربىي مەۋجۇدىيىتى توغرىسىدا توختالدى.

996410
موسكۋا ناتونىڭ رۇسىيە چېگرالىرىدىكى ئەسكەر سانىنى 7 ھەسسە ئاشۇرغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتونىڭ، پولشا ۋە بالتىق دۆلەتلىرىنىڭ «رۇسىيەنىڭ ئىشغالىغا دۇچ كېلىش» خەۋپى بارلىقىدىن ئىبارەت «كۈلكىلىك سۆزلەر» نى باھانە قىلىپ، رۇسىيە چېگرالىرىدىكى ھەربىي مەۋجۇدىيىتىنى 7 ھەسسە ئاشۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

سېرگېي شويگۇ رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىكى بىر يىغىندا سۆز قىلىپ، «پولشا ۋە بالتىق دۆلەتلىرىنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۆزلىرىگە ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىغانلىقىدىن ئىبارەت بىنورمال خىياللارغا بېرىلىپ، ناتونىڭ بالتىق دۆلەتلىرىدىكى، پولشا، رۇمېنىيە ۋە بۇلغارىيەدىكى ئەسكەر سانى 2 مىڭدىن 15 مىڭغا چىقتى. ناتونىڭ مانېۋىرلىرى ئەسناسىدا ئەسكەر سانى 40 مىڭدىن 60 مىڭغىچە يېتىدۇ» دېدى.

ئۇ، ناتونىڭ غەربىي جەنۇبقا يۈزلىنىشىگە قارىتا رۇسىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار تەھدىتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن سىممىتېرىك ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.


خەتكۈچ: #رۇسىيە , #ناتو

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر