ئوت لەگلەك ئىسرائىلىيەنى پەرىشان قىلماقتا

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، غەززەدىن ئىسرائىلىيەگە ئوت لەگلەك ۋە گېلىي گازى قاچىلانغان شار قويۇپ بېرىگەنلىكىگە جاۋابەن جەمئىي 9 نىشاننىڭ بومباردىمان قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

993996
ئوت لەگلەك ئىسرائىلىيەنى پەرىشان قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەددە ھاماسقا تەۋە 9 نىشاننى بومباردىمان قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى باياناتچىسى ئاۋىچاي ئادرې ئىجتىمائىي تاراتقۇ بېتى تىۋىتتېر ھېسابىدىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ غەززەدە ھاماسقا تەۋە 2 ھەربىي بازا بىلەن قورال ئىشلەپچىقىرىلىدىغان جايدىكى 9 نىشاننى بومباردىمان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناناتتا، بۇ ھۇجۇمنىڭ غەززەدىن ئىسرائىلىيەگە ئوت لەگلەك ۋە گېلىي گازى قاچىلانغان شار قويۇپ بېرىگەنلىكىگە جاۋابەن ئېلىپ بېرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

غەززەدىكى شاھىتلار ئىسرائىلىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ ھاماسقا تەۋە 3 نىشانغا 12 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقانلىقىنى، ھۇجۇمدا ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىدار بولۇش ھادىسىسى كۆرۈلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئادري مەزكۇر باياناتتىن كېيىن يەنە، غەززەدىن ئىسرائىلىيەگە 3 راكېتامىيوت ئېتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. تۋىتتېر ھېسابىدىكى باياناتىدا، ئاشكىلون ساھىلى بىلەن سانائەت رايوندىكى ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرىنىڭ چېلىنغانلىقىنى ۋە غەززەدىن ئىسرائىلىيەگە 3 راكېتامىيوت ئېتىلغانلىقىنىڭ ئېنىقلانغانلىقىنى، راكېتامىيۇتلاردىن بىرسىنىڭ غەززە چېگراسى ئىچىگە چۈشكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئادرې تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدىمۇ، ئىسرائىليەگە تەۋە بىر ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ غەززەدە ئوت لەگلەك ياساشقا مەسئۇل بىر كىشىنىڭ ئاپتوموبىلىنى پاچاقلاپ تاشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئىسرائىلىيە مەتبۇئاتلىرىدا، پەلەستىنلىك نامايىشچىلارنىڭ غەززە ئەتراپىدىكى يەھۇدىي ئولتۇراق رايونلىرىغا ئوت لەگلەك ۋە گېلىي گازى قاچىلانغان شار قويۇپ بېرىشى تۈپەيلىدىن رايوندا ئوت كېتىش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلىشقان ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر