ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمى نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامېن بولدى

ئافغانىستاندا ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىنىشىدىن كېيىن تالىبان بىلەن دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ھيېتلىشىۋاتقان مەزگىلدە يۈز بەرگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا 20 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 16 كىشى يارىلاندى.

993798
ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمى نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامېن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نانگارخار ۋالىي مەھكىمىسى باياناتچىسى ئاتائۇللاھ ھوڭيانىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نانگارخار ۋىلايىتىنىڭ رۇدەت ناھىيەسىدە ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىنىشىدىن كېيىن تالىبان بىلەن دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ھېيتلىشىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈۋاتقاندا ئادەم بومبا ئۈستىگە تېڭىۋالغان بومبىنى پارتلاتقان، پارتلاشتا پۇقرالارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 16 كىشى يارىلانغان.

ئاتائۇللاھ ھوڭيانىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، مۇراسىمغا پۇقرالارمۇ قاتناشقان ئىكەن.

ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنى 20 – ئىيۇن كۈنىگىچە تالىبانغا قارىتا ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلغانلىقلىرىنى ئۇقتۇرغان، تالىبانمۇ روزى ھېيت بويىچە 3 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش توغرۇلۇق قارار چىقارغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر