ئىتالىيەدە ئىسلام دۈشمەنلىرى مۇسۇلمانلارغا ھۇجۇم قىلدى
ئىتالىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى پوردېنونې شەھىرىدە مۇسۇلمان كۆچمەنلەر ياشاۋاتقان بىر بىنانىڭ قورۇسىغا چوشقا بېشى ئېسىپ قويۇلدى.
993417
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيە (ئانسا) خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسلام دۈشمەنلىرى 8 مۇسۇلمان كۆچمەن ياشاۋاتقان بىر بىنانىڭ قورۇسىغا چوشقا بېسىنى ئېسىپ قويغان بولۇپ، مۇسۇلمان كۆچمەنلەر روزى ھېيتنى تەبرىكلەشكە تەييارلىق قىلىۋاتقاندا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەدىن ھاڭ – تاڭ قالغان، ھەمدە ئەھۋالنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا مەلۇم قىلغان.
ۋەقەدىن كېيىن نەق مەيدانغا شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تازىلىق ئىشچىلىرى ئەۋەتىلگەن، ئىشچىلار چوشقا بېشىنى بىنانىڭ قورۇسىدىن ئېلىپ كەتكەن.