خىتاينىڭ گۈيجۇ ئۆلكىسىدە پارتلاش يۈز بەردى

خىتاينىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان گۈيجۇ ئۆلكىسىنىڭ چىڭلۇڭ ناھىيەسىدە تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىدا پارتلاش يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

990364
خىتاينىڭ گۈيجۇ ئۆلكىسىدە پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان گۈيجۇ ئۆلكىسىدە تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە 24 كىشى يارىلاندى.

خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە قانىلى س س ت ۋ (CCTV) نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، كېچە سائەتلەردە چىڭلۇڭ ناھىيەسى ئەتراپىدا خىتاي نېفىت شىركىتىنىڭ تۇرۇبا يولىدىن گاز چىقىپ كېتىش سەۋەبىدىن پارتلاش يۈز بەرگەن. ۋەقەدە يارىلانغان 24 كىشى داۋالاش ئاستىغا ئېلىنغان.

پارتلاشتىن كېيىن، ئاپتوماتىك بىخەتەرلىك سىستېمىسى تۇرۇبا يولىنى تاقىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر