ئىسرائىلىيە غەززەدە يەنە زوراۋانلىق قىلدى
ئىسرائىلىيە رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى جۈمە كۈنىدە غەززەدە يەنە زوراۋانلىق قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززە چېگراسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ۋە تەخمىنەن 10 مىڭ كىشى قاتناشقان «كەڭ كۆلەملىك يۇرتقا قايتىش سەپىرى» ۋە «قۇددۇس كۈنى» نامايىشلىرىدا پەلەسىتنلىك پۇقرالار يەنە ئىسرائىلىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ قالدى.
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تۈركىيە بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان پەلەسىتنلىكلەر قۇرغان چېدىرلارغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق ئوت قويۇپ بەردى.
غەززەدىكى سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە 4 پەلەسىتنلىك شېھىت بولغان، 600 دىن ئارتۇق پەلەسىتنلىك يارىلانغان.
ئۆتكەن ھەپتە يارىدارلارغا مۇداخىلە قىلىش ئۈچۈن ساھەدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان پەلەسىتنلىك سىستېرا رەززان ئەننەججارنى قەتل قىلغان ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تۈنۈگۈنمۇ يەنە 2 نەپەر سەھىيە خادىمى بىلەن 5 نەپەر ئاخبارات ۋاسىتىلىرى خادىمىنى يارىلاندۇردى.
غەززەدىكى سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 117 كىشى ھەقىقىي ئوق بىلەن يارىلانغان بولۇپ، يارىلانغانلاردىن 26 سى نارىسىدە بالا، 14 ى ئايال ئىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
نىگېرىيەدە بىر جامەدە پارتلاش يۈز بېرىپ 11 ئادەم قازا قىلدى
نىگېرىيەنىڭ كانو ئۆلكىسىدىكى بىر جامەدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا 11 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.