ئىسرائىلىيە چەكلەنگەن ئوقلارنى ئىشلىتىۋاتىدۇ

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى غەززە چېگراسىدىكى «كەڭ كۆلەملىك يۇرتقا قايتىش سەپىرى»  نامايىشلىرىدا ئىشلەتكەن ئوقلاردا يارىلانغانلاردىن % 51 تىنىڭ چەكلەنگەن ئوقلاردا يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

989138
ئىسرائىلىيە چەكلەنگەن ئوقلارنى ئىشلىتىۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەدىكى سەھىيە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئەشرەف ئەلقۇدرا، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «<كەڭ كۆلەملىك يۇرتقا قايتىش سەپىرى> نامايىشلىرىدا يرىلانغانلارنىڭ % 51 تى ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى چەكلەنگەن ئوقلىرىدا يارىلانغان. چەكلەنگەن بۇ قوراللارنىڭ ئىشلىتىلىشى ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ سانىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. 30- مارتتتىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان نامايىشلاردا شېھىت بولغان پەلەسىتنلىكلەرنىڭ سانى 127 گە يەتتى، يارىلانغانلارنىڭ سانى بولسا 14 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ غەززە چېگراسىدا <مىليونلۇق قۇددۇس> نامايىشى ئۆتكۈزگەن پەلەسىتنلىكلەرگە مۇداخىلىسى جەريانىدا بىرى نارىسىدە بالا بولۇپ، جەمئىي 4 پەلەسىتنلىك شېھىت بولدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر