ئىراقتىكى پارتلاشلار جانغا زامېن بولدى

ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىدىكى تۈركمەن مەھەللىلىرىدە ئارقىمۇئارقا مەيدانغا كەلگەن پارتلاشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

989284
ئىراقتىكى پارتلاشلار جانغا زامېن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، كەركۈك شەھەر مەركىزىدىكى ئىككى چايخانا بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. دەسلەپكى پارتلاش كەركۈكنىڭ قۇددۇس كوچىسىدا مەيدانغا كەلگەن، ھۇجۇمدا كۆپ ساندىكى دۇكانلار بىلەن ئۆيلەر زىيانغا ئۇچرىغان. ئىككىنچى پارتلاش باغداد كوچىسىدا يۈز بەرگەن. يەنە  بىر پارتلاش كەركۈكنىڭ مۇساللا رايونىدا مەيدانغا كەلگەن.

دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، پارتلاشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 6 سى ئېغىر بولۇپ، 19 كىشى يارىلانغان، ھۇجۇملار مەيدانغا كەلگەن رايونلار كىرىش – چىقىشلارغا تاقالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر